logo

trugen jacn

ئەنقەرەدە تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمانوف ۋە مەشھۇر ئەدىپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەتقىقات يىغىنى ئېچىلدى

image

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

18 – دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى غازى ئۈنىۋېرسىتېتىدا تونۇلغان تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 – يىللىقى، مەشھۇر شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 20 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 18 – دېكابىر كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇز يېرىمدا باشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ھەمكارلىق ۋە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، غازى ئۈنىۋېرسىتېتى مۇدىرى بەربەروغلۇ، داڭلىق تۈركولوگ پروفېسسور دوكتور ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى، تونۇلغان تۈركولوگ ئوسمان فىكرى سەرتقايا ئەپەندى، ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان تونۇلغان تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى، پروفېسسور ئابدۇررائۇف پولات ئەپەندى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ئادەملىرىدىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، گېرمانىيە گۆتۈڭگەن ئۈنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت ۋە دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم قاتارلىق 20 ئەتراپىدا ئىلىم ئادەمى ئىشتىراك قىلدى ۋە ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەزكۇر يىغىننى ئويۇشتۇرغان غازى ئۈنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پرفېسسور دوكتور ھۈليا قاساپئوغلۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم شەخىسلەردىن بىرى بولغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ۋاپاتىنىڭ 20 – يىللىقى، تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقان تونۇلغان تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى يىغىنى ئويۇشتۇرغانلىقىنى، يىغىندا ئىلىم ئادەملىرىنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى، مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتلىرىنى بېرىپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئارقىدىن پروفېسسور ئوسمان فىكرى سەرتقايا «قۇتاتقۇبىلىك» تېمىسىدا، پروفېسسور دوكتور ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن بولسا «دىۋانۈ لۇغاتىت تۈرك ۋە مىرسۇلتان ئوسمانوف» تېمىسىدا، پروفېسسور ئابدۇررائۇف پولات ئەپەندى «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە مىرسۇلتان ئوسمانوف» تېمىسىدا، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم بولسا «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەدەبىي كىشىلىكىگە تارىخىي جەھەتتىن نەزەر» تېمىسىدد ئىلمىي دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتتى. بۇلاردىن سىرت تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۈنىۋېرسىتېتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرشۇناسلار ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە مىرسۇلتان ئوسمانوف ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا يازغان ئىلمىي دوكلاتلىرىنى بېرىپ ئۆتتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى بىلەن زۇلھايات ئۆتكۈر خانىمنىڭ ئۆز ھسسياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قىلغان نۇتقى يىغىن ئەھلىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

بۇ يىغىن ئاخىرىدا بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە كەلگەن ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيت كونسېرت بەردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/turkiye-abdurehim-otkur-12182015204041.html

Share
2215 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.