logo

trugen jacn

ئەنقەرەدىكى يىغىندا دۆلەت مىنىستىرىغا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىلىرى ئاڭلىتىلدى

43cb1cae-0ce2-48e3-9be4-7e24a4aacff0

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە چاقىرىلغان تۈرك دۇنياسى ئاياللار مەسىلىسى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىلىرى ئاڭلىتىلدى. ئەنقەرە رىخوخ مېھمانخانىسىدا چاقىرىلغان يىغىنغا ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، بوسنىيە، ئالبانىيە ئوكرائىنا ۋە تۈركىيەدىن بولۇپ كۆپ ساندا ئاياللار ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ھەر ساھەدىن ئاياللار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم قاتناشتى. يىغىنغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتكە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى سەما رامازانئوغلۇ خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم مىنىستىرغا ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەسىلىلىرى بايان قىلىنغان دوكلاتنى سۇنغان ۋە ئۇنىڭغا ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەن كۆكبايراق تەقدىم قىلغان.

بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئايال كادىرلار ۋە خىزمەتچىلەر ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى گۈل خانىم يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز تۈركىيە بىلەن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسىنى ئورنىتىش ئىدى. بىز مەقسىتىمىزگە يەتتۇق، كۆپ كىشى قاتناشتى. 12 دۆلەتتىن ئايال ۋەكىل قاتناشتى. تۈركىيەدىن ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرىمىز سەما رامازانئوغلۇ خانىم قاتناشتى. بەزى پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشتى، ناھايىتى ياخشى بىر باشلىنىش بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا بۇ يىغىننىڭ داۋامىنى ئېچىشنى ئويلاۋاتىمىز.»

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن دۆلەت مىنىستىرى سەما رامازانئوغلۇ خانىم پۈتۈن دۇنيادىكى مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ئىسمىنى زىكرى ئەتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىغانلىقىنى ئاڭلىغان نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم، مىنىستىرغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ھۆرمەتلىك مىنىستىر، ئۇيغۇر خەلقى ھازىر يوق بولۇپ كېتىش خەۋپى ئاستىدا، ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالماڭ» دېگەن. نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئەنقەرەدە چاقىرىلغان، تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى سەما رامازانئوغلۇمۇ ئىشتىراك قىلغان تۈرك دۇنياسىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان بۇ يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن، ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللارغا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچى شائىرە نۈرئەلا گۆكتۈرك خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر قىز-ئاياللارنى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىردى.

بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئايال كادىرلار ۋە خىزمەتچىلەر ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى گۈل خانىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ بەزى خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ۋەكىللەر تەلەپ قىلدى. بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى جەھەتتىمۇ خىزمەت قىلىشنى ئويلاۋاتىمىز.»

ئايال رەھبەرلەر ۋە خىزمەتچىلەر تەشكىلاتى 2010-يىلى ئەنقەرەدە قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، تۈركىيەدىكى شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىدىكى قىز ۋە ئاياللارنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە پائالىيەتلەر ئېلىپ بارىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/enqere-highin-05032016150140.html

Share
1260 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.