logo

trugen jacn

ئەمدى كىم ئۈچۈن قانداق دۇئا قىلارمىز

 

تۇرسۇن كامال خوتەنى

 

ئەمدى كىم ئۈچۈن قانداق دۇئا قىلارمىز

 

كېچىك چاغلىرىمدا دادامغا ئەگىشىپ بامدات نامىزىغا مەسچىتكە چىقاتتىم. دادام مەسچىتنىڭ ئىمامى ئىدى. نامازدىن پارىغ بولۇپ، ئادەتتىكى زىكىر-تەسبىھلەر ئېيتىلاتتى، ئاندىن سۈرە ياسىن ئوقۇلاتتى، ئاندىن ئۇزۇن بىر دۇئا قىلىناتتى، بۇ دۇئادىن كېيىن جامائەتنىڭ بەزىسى «دادامنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرىتى ئۈچۈن بىر دۇئا»، بەزىسى «ئانامنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرىتى ئۈچۈن بىر دۇئا»، بەزىسى «پۈتۈن مۇتەۋەپپالارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتى ئۈچۈن بىر دۇئا» دەيتتى. بۇ دۇئالار ئارقا-ئارقىدىن قىلىناتتى. بۇ ئەسنادا ئارىدىن ياشانغان بىر كىشى «دۇئايى خالىس» دەيتتى، جامائەت دادامنىڭ باشچىلىقىدا ئۇزۇن بىر دۇئا قىلاتتى، دۇئا ئەسناسىدا بەزى جامائەت ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كېتەتتى.

شۇنىڭدەك، مەھەللىدىكى چوڭلار ئارا-سىرا كېچىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ «دۇئا-تەلەپ» قىلاتتى. دادام ئۇلارنىڭ ئىمامى بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن ئۇلار تولاراق بىزنىڭ ئۆيگە يىغىلاتتى. قۇرئان ئوقۇيتتى، ئارقىسىدىن ئۇزۇن-ئۇزۇن دۇئالار قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن يۇقىرىدىكى «دۇئايى خالىس»نىڭ ۋە بۇ «دۇئا-تەلەپ»لەرنىڭ مەزمۇنىنى بىلىۋالدىم. بۇ ئەسنالاردا ئۇلار ئارىدىكى ۋاقىتلاردا ئەرەبىستان، پاكىستان، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەققىدە پاراڭلار قىلىشاتتى، بۇ پاراڭلار «چەتئەل رادىيولىرى»نى ئاڭلىغانلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن قاچقان خەۋەرلەرنىڭ «مىش-مىش گەپ»لەرگە ئايلىنىپ «سەمىرىتىلگەن» ھالىتى ئىدى. كېيىن يوغىنىغانسېرى بۇنداق ئىشلارنىڭ باشقا ئاخۇنۇملارنىڭ جامائەتلىرى ئارىسىدىمۇ بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم. بىزنىڭ ئۆيدە بولۇپ ئۆتكەن دۇئا ۋە پاراڭلاردىن ئېسىمدە قالغانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئى ئاللاھ! بىزنى قارا كاپىرنىڭ (خىتاينىڭ) زۇلۇمىدىن قۇتقۇزغىن، سېرىق كاپىرنىڭ (رۇسنىڭ) ھىيلىسىدىن ساقلىغىن، كۇپرىنى زاۋال، ئىسلامىيەتنى روناق تاپقۇزغىن، نەسىل-ئەۋلادلىرىمىزنى يوقىلىشتىن، مەسچىت-جامەلىرىمىزنى يىقىلىشتىن، قۇرئان-كىتابلىرىمىزنى يېقىلىشتىن ساقلىغىن، ئىسلام دۆلەتلىرىنى بىزگە ياردەم بەرگىلى نېسىپ قىلغىن، دوستىمىزنى كۆپەيتكىن، دۈشمىنىمىزنى ئازايتقىن…

 

پاكىستاندا پىلپىز (خەلق) پارتىيەسى يىقىلىپ، جامائىتى ئىسلام پارتىيەسى ھاكىمىيەتكە كېلەرمىش، ئۇ پارتىيە بىزنى ياخشى كۆرەمىش، بىزگە ياردەم قىلىشنى پارتىيە پىروگراممىسىغا يازغانمىش…

يېقىندا سوۋېت ئىتتىپاقى تارقىلىپ كېتەرمىش، ئۇنىڭ چاڭگىلىدىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولارمىش، ئۇلار مۇستەقىل بولسا بىزنىڭمۇ مۇستەقىل بولۇشىمىز ئاسانلىشارمىش، چۈنكى قىرغىز، قازاق، ئۆزبېك، تۈركمەن ۋە ئەزەربەيجانلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، بىزنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتمايدۇ…

80- يىللاردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئالىم، زىيالىي ۋە يۇرت چوڭلىرى تۇغقان يوقلاش باھانىسى بىلەن چەتئەللەرگە چىقتى، ھەجگە باردى، بولۇپمۇ تۈركىيەگە كەلدى. ئۇلارنىڭ يۇرتقا قايتىشى بىلەن دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىكى بىردىنبىر ئىسلامىي داھىي ھېسابلىنىدىغان پىروفېسسور، دوكتور نەجمىددىن ئەرباقان ۋە ئۇنىڭ پارتىيەسى ھەققىدە بىرقەدەر مەلۇماتقا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى دۇئا ۋە پاراڭلارغا تۆۋەندىكىلەرمۇ قوشۇلدى:

تۈركىيەدە ھەم دىنى ھەم پەننى جەھەتتىن يېتىشكەن بىر ئالىم باركەن. ئۇنىڭ يېتىشتۈرگەن نۇرغۇن تالىپلىرى باركەن. ئۇ كىشى تالىپ ۋە تەرەپدارلىرى بىلەن بىر پارتىيە قۇرغانكەن. ئەگەر ئۇ پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ قالسا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىشى تۈزۈلىدىكەن. جۈملىدىن بىزنىڭ ئىشىمىزمۇ تۈزۈلىدىكەن… ئاللاھ ئۇ كىشىگە، تالىپلىرىغا ۋە تەرەپدارلىرىغا نۇسرەت ئاتا قىلغاي، ئاق يول بەرگەي، ھاكىمىيەت نېسىپ قىلغاي، پۈتۈن چارىسىز مۇسۇلمانلارغا ۋە بىزگە ياردەم قىلغۇدەك كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغاي…

كېچىكلىكىمدىن تارتىپ ئەنە شۇنداق دۇئا ۋە پاراڭلارنى كۆپ ئاڭلىدىم، كېيىن ئوقۇغۇچىلىق ۋە جەمئىيەت ھاياتىمدا ھەر پۇرسەتتە ئۇنداق پاراڭ ۋە دۇئالارنى قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ئورۇن ئالدىم. ھەتتا بەزىدە بىرقانچە كۆڭۈلداشلىرىم بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ مەخسۇس دۇئا- تەلەپ قىلغان چاغلىرىمىزمۇ بولدى. دۇئايىمىزنىڭ ماۋزۇسى پاكىستاندىكى ئىسلام پارتىيەلىرىنىڭ سايلامدا غالىب كېلىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشى، تۈركىيەدىكى ئەرباقان خوجامنىڭ ۋە تالىپلىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە كېلىشى، ئەرەبىستاننىڭ گۈللىنىشى… ئىدى.

ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن 1994- يىلى ھەجگە بېرىش ۋە قايتىشىمدا، پاكىستان ۋە ئەرەبىستان ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇ يەرلەردىكى مۇسۇلمانلار ھەققىدە بىرقەدەر مەلۇماتقا ئېرىشتىم: خەلق ياخشى، بىزگە دۇئا قىلىدۇ، ياخشى تىلەكلەردە بولىدۇ، ھېسداشلىق قىلىدۇ، لېكىن قولىدىن بۇنىڭدىن باشقا بىر ئىش كەلمەيدۇ. ھۆكۈمەتلەر ئۆزلىرىنىڭ دەردى بىلەن مەشغۇل. تەۋەلىكىدە بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن بىرەر ياخشى پائالىيەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەققىمىزدە بىرەر ئىجابىي سۆزنىڭ چىقىپ قېلىشىدىنمۇ قاتتىق ئەنسىرەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك چەكلىمىلەر بەلگىلەنگەن، توسالغۇلار قويۇلغان.

95- يىلى ۋەتىنىمگە قايتالمىغانلىقىم ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدىم، سايلام ھارپىسى ئىكەن. ھازىرقى جۇمھۇرىيەت باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئىكەن، ئەرباقان خوجام بىر پارتىيەنىڭ (رېفاھ پارتىيەسىنىڭ) باشلىقى ئىكەن، پۈتۈن ئىمكانىيىتى بىلەن سايلامغا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ، خەلقنى ھەر پۇرسەتتە سايلامدا پارتىيەسىگە بىلەت تاشلاشقا چاقىرىۋېتىپتۇ.

مەن دىيارىمدىكى ئادىتىم بويىچە بۇ يەردىكى تونۇش- بىلىشلىرىم بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلدىم، بىلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ خوجامغا بىلەت تاشلىشى ھەققىدە نەسىھەتلەر قىلدىم. ئۇزۇنغا قالماي سايلام بولدى. ئەرباقان خوجامنىڭ پارتىيەسى % 22 ئاۋازغا ئېرىشتى ۋە 158 ۋەكىل بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا بىرىنچى پارتىيە بولدى،  لېكىن بۇ سان ئاساسى قانۇندا ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن شەرت قىلىنغان 276 ۋەكىلگە يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەرباقان خوجام شۇ چاغلاردا «توغرا يول پارتىيەسى» نىڭ باشلىقى بولغان تانسۇ چىللەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىر بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇردى.

دوستلىرىم بىلەن دۇئانى داۋاملاشتۇردۇق. خوجام ھاكىمىيەتنىڭ بېشى ئەمەس، شېرىكى بولغاچقا خوجامدىن بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك بىر ياخشىلىق كۈتۈش لايىق بولمايتتى. بۇ ھۆكۈمەت بىر يىل بولا بولماي ئاغدۇرۇلدى، خوجامنىڭ پارتىيەسى تاقىۋىتىلدى، ئۆزى 5 يىل سىياسەتتىن مەنئى قىلىندى.

كېيىنچە (1998) خوجامنىڭ ئەڭ مۇھىم تالىپلىرىدىن بىرى بولغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇل شەھەر باشلىقلىقى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى، بىر يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىندى ۋە ئۆمۈر بويى سىياسەتتىن مەنئى قىلىندى. 1999- يىلى، قىرقلار ئېلى ۋىلايىتى، پىنارھىسار ناھىيەسىنىڭ تۈرمىسىگە قامىلىپ 4 ئاي «جازاسىنى چەككەندىن كېيىن» چىقتى. تۈرمىدىكى چېغىدا بىرقانچە يېقىنىم بىلەن زىيارەت قىلدىم، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن بىر يېقىنىم بىلەن ئۈسكۈداردىكى ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلدىم. ئۇ ئەسنالاردا ھەمشەھەرلەر بىر يەرگە يىغىلساق سۆھبىتىمىزنىڭ مەزمۇنى ئەرباقان ۋە ئەردوغان ئىدى، كۆڭلىمىز ئۇلار بىلەن، دۇئايىمىز ئۇلار ئۈچۈن ئىدى. خۇشاللىقىمىز ئۇلارنىڭ غەلىبىسى، قايغۇمىز ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتى ئىدى.

ئەردوغان بەگ 2001- يىلى بىر پارتىيە قۇردى. بۇ پارتىيە 2002- يىلى كىرگەن تۇنجى سايلىمىدا بىرىنچى پارتىيە بولدى ۋە ھاكىمىيەتكە كەلدى، ئاندىن ئەردوغاننىڭ ئۈستىدىكى چەكلىمىلەرنى بىر-بىرلەپ ئەمەلدىن قالدۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئەردوغان باش ۋەكىل (زۇڭلى) بولدى. بىز (بۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار) خۇشاللىقتىن يايراپ كەتتۇق ۋە دۇئانى داۋاملاشتۇردۇق. ئۇ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن تارتىپ ئېلىپ بارغان ئىجرائاتلىرى، يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ۋە يەر يۈزىدىكى چارىسىز مۇسۇلمانلارغا قىلغان ئاتىدارچىلىقى قاتارلىقلار بىلەن مۇسۇلمان داھىينىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا كۆرسەتتى. بىز ھەقىقەتەن غۇرۇرلاندۇق، پەخىرلەندۇق ۋە ھاياجانلاندۇق. ھەر سايلامدا غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلدۇق.

بىز ھەر پۇرسەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى مەزلۇملارنىڭ ئاھ-پەريادلىرىنى تىلغا ئېلىپ، مەزلۇملارنىڭ زۇلۇملىرىنى قامچىلاۋاتقان رەئىس ئەردۇغان بەگنىڭ، ئۆزىنىڭ مىللىي جەھەتتىن قاندىشى، دىنى جەھەتتىن قېرىندىشى بولغان، يۇرت-زېمىنى ئىشغال قىلىنىۋاتقان، مال-مۈلكى بۇلاڭ-تالان قىلىنىۋاتقان، ئىپپەت-نومۇسى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، شەرەپ-غۇرۇرى ئاياغ ئاستى قىلىنىۋاتقان ۋە شۇنچە كەڭ زېمىندا نەپەس ئالالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دەھشەتلىك مۇسىبەتلەر ھەققىدە بىرەر ئېغىز بولسىمۇ گەپ قىلىشىنى ياكى ھېچبولمىسا سۈرىيە، ئىراق ۋە ئاراقان مەزلۇملىرىنى تىلغا ئالغاندا ”شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز“ دەپ قويۇشىنى   تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقان بىر ئەسنادا (2016- يىلى 8- ئايدا) ئارىمىزدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پىداكار ئوغلانى، ھارماس-تالماس مۇجاھىدى ۋە ياڭراق ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان ئابدۇلقادىر ياپچان جانابىي تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى.

زالىم قارا كاپىرلار تەرىپىدىن بىرقانچە قېتىم قاماققا ئېلىنىپ چىن زىندانلىرىدا 10 يىلدىن ئارتۇق زۇلۇم ۋە ئىسكەنجە چەككەن ئابدۇلقادىر ياپچاننى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ «ئىمانىي قېرىندىشىم، ئىسلامىي كۆڭۈلدىشىم، سىياسىي پىكىردىشىم ۋە دەۋا سەپدىشىم» دەپ كېچە-كۈندۈز غەلىبىسىگە دۇئا قىلغان ۋە ھەر پۇرسەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ داھىيسى، مەزلۇملارنىڭ ھامىيسى ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ مەنىۋى ئاتىسى دەپ تەرىپىنى قىلغان تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى قۇرغان ھۆكۈمەت ساقچىلىرى تۇتقان ئىدى.

بۇ ئەلەملىك ھادىسە بىزنى ھەقىقەتەن غەمكىن قىلدى، يۈرىكىمىزنى ئەزدى ۋە كۆڭلىمىزنى ئەڭ قاتتىق دەرىجىدە زېدىلىدى. 15 يىلدىن بۇيان ئەردوغان بەگنىڭ غەلىبىسىگە سۆيۈنۈپ نەملەنگەن كۆزلىرىمىز بۇ قېتىم ئۇ ھادىسە سەۋەبلىك قايغۇ-ھەسرەت ياشلىرى تۆكتى.

1997- يىلى پاكىستاننىڭ ئىسلامىي پارتىيەلەرنىڭ بىرى بولغان مۇسلىملىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ۋە پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى  ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەكىلى ناۋاز شېرىپ قەشقەردىن يولغا چىقىپ، تاغ ئارىلاپ مېڭىپ پاكىستانغا كەلگەن ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 13 دانە ئۇيغۇر بالىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

2006- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بىرى بولغان ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت باشلىقى ئىسلام كېرىموپ ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ سەپدىشى ھۈسەيىن جېلىلنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

ئۇلار بۇ قىلمىشى بىلەن مۇسۇلماننى كاپىرغا، ئۇيغۇرنى خىتايغا، مەزلۇمنى زالىمغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولدى. ئۇلار بۇ قىلمىشى بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدارىچىلىرى بولغان بىر ئۇچۇم خىتاي كاپىرنىڭ «خو»سىنى ئالدى، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا ۋەتىنىمىزدىكى 30 مىليون، مۇھاجىرەتتىكى بىر مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ «ئاھ»ىنى ئالدى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇلار دۇئالىرىمىزدا ياخشى تىلەك ۋە ئارزۇ بىلەن ئەمەس، لەنەت ۋە قارغىش بىلەن ئورۇن ئالىدىغان بولدى.

بۈگۈن بىچارە ئۇيغۇر نە دىنى قېرىندىشىدىن، نە مىللىي قاندىشىدىن ۋاپا كۆرمەيۋاتىدۇ. تۈركلەرنىڭ دۆلەت تارىخى بويىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە ئاق پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتكە كېلىشى بىلەن قايتا جانلانغان «زالىملارغا قورقۇنچ، مەزلۇملارغا ئۈمىد بولۇش» شۇئارىدىكى «زالىملار»نىڭ قاتارىدىن ئۇيغۇرغا زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاي زالىملار ئورۇن ئالمايۋاتىدۇ، «مەزلۇملار»نىڭ قاتارىدىن زۇلۇمنىڭ ھەر تۈرلۈكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مەزلۇملار ئورۇن ئالالمايۋاتىدۇ.

ئى دۇئاداشلىرىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەمدى كىم ئۈچۈن نېمە دەپ دۇئا قىلىمىز؟؟؟ يېرىم ئەسىردىن بېرى ھاكىمىيەتكە كېلىشىگە دۇئا قىلغان «قىرىنداشلىرىمىز»نىڭ ئىنساپقا كېلىشىگىمۇ ياكى ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن كېيىن مەزلۇملارغا ھامىي بولۇشىنى ۋەدە قىلىدىغان بىرەر «بالا پارتىيە» تېپىپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيەتكە كېلىشىگىمۇ؟

 

 

2016- 12- 15.

Share
3507 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.