logo

trugen jacn

ئەمدى ئۆزۈڭنى قانداق قوغدايسەن؟

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئەمدى ئۆزۈڭنى قانداق قوغدايسەن؟

يېزىدىكى دېھقان يىگىتىنىڭ چىرايلىق خوتۇنىغا كۆز تىكىپ، ئېرىنى ھاشارغا ئەۋەتىۋېتىپ خوتۇنىنى زورلاپ ئوينىشى قىلىۋالغان، ھاشاردا 6 ئاي ئىشلەپمۇ ئۆيىگە قايتىشقا رۇخسەت ئالالمىغان دېھقان يىگىت قېچىپ ئۆيىگە كەلگەندە، تۇتۇپ ئۇرغان، سۇلاپ قويغان. ئازابقا چىدىمىغان يىگىت ”يا، خۇدا، بىزنى بۇ زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇز”دەپ دۇئا قىلسا “تېررورچى” دەپ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە يوللاپ بەرگەن يېزا سېكرېتارى! سەن بۈگۈن، ئۆزەڭ “دىنى ئاشقۇن”، “تېررورچى” تۆھمەتلىرى بىلەن سۇلىتىۋەتكەن 200 نەپەر يېزا ياشلىرى بىلەن بىر تۇرمىدا يېتىۋاتىسەن. ياشلار “تەرۆرىست”، سەن “ئىككى يۈزلىمىچى”.
بۈگۈن ئەتتىگەن “جىنايەتچىلەر” يەنە ئەمگەككە ھەيدەپ بېرىلدى. سېنىڭ قولۇڭدا شىجىنپىڭنىڭ رامكا ئىچىگە ئالغان چوڭ رەسىمى بار ئىدى. ھېچكىم سېنى مەجبۇر قىلمىسىمۇ، رەسىمنى ئۆيدىن ئەكەلتۈردىڭ. كېچىدە بېشىڭغا ئېسىپ ياتىسەن، كۈندۈزى ئىشقا ئېلىپ چىقىسەن. ئىش ئورنىدا تىكلەپ قويغان رەسىم توپا، چاڭ بولۇپ قالدى. ئادىتىڭ بويىچە دەم ئېلىش ۋاختىدا كېلىپ رەسىمنى سىلدىڭ. بىراق بارمىقىڭ قاتتىق تىگىپ كېتىپ شىجىنپىڭنىڭ رەسىمىنىڭ كۆزى تېشىلىپ كەتتى. بۇنى كۆرگەن يىگىتلەردىن بىرسى “مانا بۇ مۇناپىق شى جۇشىڭىڭ كۆزىنى ئۇيىۋەتتى” دەپ ۋارقىرىشى بىلەن ياشلار يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ سېنى ئۇرۇپ، دەسسەپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويدى. قۇراللىق خىتاي گۇندىپايلار ھاۋاغا ئوق چىقىرىپ ياشلارنى تەستە توختاتتى. “نىمىشكە ئۇردۇڭ؟” دېگەن سوئالغا “شى جۇشىنىڭ كۆزىنى ئويىۋەتتى” جاۋابىنى ئالغان خىتاي ژاندارما ئەسكەرلىرى سېنى يەنە ئو ياشلارغا كۆتەرتكۈزۈپ كامېرغا سولاپ قويدى. سەن ئىڭىرايسەن، ياشلار پىخىلدىشىپ كۈلىشىدۇ. سېنى قوغداپ كەلگەن كومپارتىيە، خىتاي خۇجايىنلىرىڭ سېنىڭ ئورنىڭغا ئىچكىرىدىن كەلگەن بىر ئاققۇن خىتايغا سېنىڭ مەنسىپىڭنى بېرىش ئۈچۈن سېنى “ئىككى يۈزلىمىچى” قىلىپ سۇلاپ قويدى.
سەن، خىتاينىڭ دۈشمىنى بۇلۇپ تۇرمىدا ياتتىڭ. تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى بۇلۇپ تاياق يىگىلى باشلىدىڭ. ئەمدى ئۆزۈڭنى قانداق قۇتقۇزىسەن؟

ئەي، قاراقورساق، ھاكاۋۇر ساقچى باشلىقى! سەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغىنىڭغا 3 يىل بولدى. 3 يىل ئىچىدە 10 مىڭ ئۇيغۇرنى تۇتۇپ تۇرمىغا تاشلىدىڭ. 3 يىل ئىچىدە 3 تۇرمە ياساتتىڭ. تۈرمىدىكىلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىگە زىرائەت تېرىپ پەرۋىش قىلىدىغان ئادەم يوق ئاق قالدى. سەن ناھىيىلىك پارتكوم يېغىنىدا “ بوش قالغان تېرىلغۇ يەرلىرىگە پەرۋىش قىلىشقا ئىچكىرىدىن ئادەم ئەكىلەيلى” دەپ تەكلىپ بەردىڭ. ئۇيغۇر دىھقانلارىڭ يەرلىرى خىتاي دېھقانلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. سەن سولايدىغان، جازالايدىغان ئۇيغۇر تۈگىگەندە، خىتاي خۇجايىنلىرىڭ سېنىڭ ۋەزىپەڭنىڭ تۈگىگەنلىكىنى كۆردى. ئىچكىرىدىن كەلگەن بىر خىتاي ئاققۇنغا ئەمىلىڭنى ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن سېنى “ئىككى يۈزلىمىچى” دەپ تۇتۇپ، سەن ياسىغان تۇرمىغا سۇلاپ قويدى. كامېردا ياتقانلار سېنى ئۇرۇپ خېمىر قىلىپ تاشلاپ قويدى. خىتاي تۇرمە ئەمەلدارى “نىمىشقا ئۇردۇڭ؟” دەپ سوراق قىلغاندا، ئۇرغۇچىلار “ پارتىيىنىڭ راھىتىنى كۆرۈپ، پارتىيىگە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغان بۇ مۇناپىققا بولغان غەزىۋىمىزنى باسالماي ئۇرۇپ تاشلىدۇق” دېيىشتى. خىتاي تۇرمە باشلىقى سېنى ئۆلتۈرىۋەتمىسۇن، دەپ يالغۇز كامېرغا قاماپ قويدى. سەن ھەم خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ھەم ئۆز خەلقىڭدىن مەھرۇم ھالدا قاراڭغۇ كامېردا يالغۇز جان تالىشىپ يېتىۋاتىسەن. ھاياتىڭدا تۇنجى قېتىم پاسىق ئاغزىڭدىن “ئاللاھ مېنى قۇتقۇز” دېگەن سۆز چىقتى. سەن ئۆزەڭنىڭ شۇئان سېنىڭ بەدىنىڭنى چېقىۋاتقان قۇرت، قوغغۇزلاردىنمۇ چارىسىز كۆرىۋاتىسەن. ئەمدى ئۆزەڭنى قانداق قۇتقۇزىسەن؟

 

ئەي، ئۆزىنى “ئۇيغۇرنىڭ كاتتا زىيالىسى” دەپ ماختاپ يۈرگەن چوڭ ئۇنۋانغا ئىگە كىئاپ پۇرۇچ “بىلىم ئىگىسى”! ئالدىڭدىكى تاۋۇتتا ئوغلۇڭنىڭ جەسىتى تۇرۇپتۇ. تۈگۈلۈپ بۇقۇلداپ يېغلاۋاتىسەن. بالا دېگەن يۈرەكنىڭ بىر پارچىسى.بۇنداق مۇسىبەتكە چىداش مۇمكىنمۇ؟ سەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوغۇغۇچىلىقتىن باشلاپ تاكى پروفېسسورلۇققا ئېرىشكۈچە كۆيدۈرگەن قانچىلىغان يۈرەكلەر ھەققىدە سۆز ئەتمەي تۇراي. بالاڭنى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقارتتىڭ. “ بۆلگۈنچىلەردىن، دىنچىلاردىن، مىللەتچىلەردىن ئۇزاق تۇر” دەپ نەسىھەت قىلدىڭ. بالاڭ دىگىنىڭنى قىلدى. سەنمۇ بالاڭنى كۆرۈش ئۈچۈن چەتئەلگە كەلدىڭ. چەتئەلدە سېنى مېھمان قىلغان سودىگەر ئۇيغۇرلارغا پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدىڭ. “مېنىڭ 6 مىڭ سوم پنىسسىيە مائاشىم بار. ئايالىمنىڭ پىنىسسىيە مائاشى 5 مىڭ سوم. ھازىر ۋەتەندىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى بەك ياخشى بولۇپ كەتتى. چەتئەلدىكى تۆت توك-توك ئەقىلسىز بۆلگۈنچىلەرنىگە ئەگەشمەڭلار.” دېدىڭ. “جۇڭگو دېگەن ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى. ئامېرىكا تەڭ كىلەلمىگەن جۇڭگوغا تۆت توكتوك تەلۋە تەڭ كىلەلەمدۇ؟” دەپ ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلارنى مەسخىرە قىلدىڭ. ئارىدىن 2 يىل ئۆتتى. بىردىنلا سېنى “تەربىيىلەش كۇرسى”غا چاقىرىۋالدى. “ئىككى يۈزلىمىچى زىيالىي” بولۇپ قالدىڭ. تەكشۈرۈش يېزىپمۇ قۇتۇلالمىدىڭ. “بالاڭنى چەتئەلگە ئەۋەتىش مەقسىدىڭ نىمە؟” دېگەن سوئالغا بەرگەن جاۋاپلىرىڭنىڭ ھېچ بىرسى ئىناۋەتكە ئېلىنمىدى. “بالاڭنى قايتۇرۇپ ئەكەلسەڭ قۇتۇلىسەن” سۆزىنى ئاڭلىغاندا. “بىز پارتىيىگە جان، دىل بىلەن سادىق ئائىلە. بالام چەتئەلدە بولسىمۇ، يۈرىكى پارتىيە بىلەن بىللە.” دېدىڭ ۋە بالاڭنى قايتىپ كېلىشكە چاقىردىڭ. بالاڭ ئۈرۇمچى ئايدىرومدىلا قولغا ئېلىندى. ئارىدىن 6 ئاي ئۆتتى. سەن تەربىيىلەش كۇرسى”دىن، بالاڭ تۈرمىدىن چىقالمىدى. مانا بۇگۈن بالاڭنىڭ ئۆلىگى چىقتى. جىنازە نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ساڭا بىر كۈنلۈك رۇخسەت بەردى. بىنانىڭ ئالدىدىكى ھويلىدا بالاڭنىڭ جەسىتىنى تاۋۇتقا قويدۇرۇڭ. يېغلاۋاتىسەن. كاللاڭدىن شۇ خىياللار كېچىۋاتىدۇ؛ “ ئۇيغۇر مازارلىقىدا قويسام، مىللەتچىلىك بىلەن ئەيىپلىنىپ قالارمەنمۇ؟ خەنزۇلاردەك خوزاچاڭدا كۆيدۈرۈپ كۈلىنى ئۆيگە ئەكىلىپ ساقلىسام قانداق بۇلار؟ بۇنداق قىلسام ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تەسىرى قانداق بۇلار؟” سەن بۇلارنى ئويلاۋاتىسەن. ئاتا-ئاناڭ سىنىڭ كىلەچگىڭنى ئويلاپ سەنى خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇتقان. سەن، ئوغلۇڭنىڭ كىلەچەگىنى ئويلاپ ئونى خىتايچە يەسلىگە بەردىڭ. ئۇنىۋەرسىتىتقىچە خىتاي بالىلىرى بىلەن خىتاي تىلىدا ئوقۇدى. بىرمۇ ئۇيغۇر دوستى يوق ئىدى. شۇئاندا بالاڭ ۋە ئۇنىڭ كىلەچەگى تاۋۇتنىڭ ئىچىدە. قوغدايدىغان بالاڭنى قوغدىماي ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەردىڭ. سېنى پىنىسسىيەگە مۇددەتتىن بۇرۇن چىقىرىۋەتكەندە “ تېخى يېشىم توشماي نىمىشقا پىنىسسىيەگە چىقىمەن؟” دەپ سورىمايلا پىنىسسىيە مائاشىڭنىڭ كۆپلىكىگە ھەيران بولۇپ گۈل-قەقەلىرىڭ ئېچىلىپ كەتكەندە، ئورنىڭغا خىتاي ئوقۇتقۇچىنى ئەكىلىپ تەيىنلەپ بولغانلىقىدىن خەۋىرىڭ يوق ئىدى. مانا شۇ تاپتا بالاڭنىڭ جەسىتى ۋە سېنىڭ روھىڭ تاۋۇتتا. ئەمدى بالاڭنىڭ ئۆلۈكىنى سېتىپ ئۆزەڭنىڭ روھسىز گەۋدىسىنى قوغدىماقچىمۇ؟ ئۆزەڭنى قوغداشنىڭ چارىسى قالدىمۇ؟

مەن بۇندىن 20 يىل بۇرۇن يازغان “مۇستەقىللىق كۈرىشى “ كىتاۋىمدا خائىنلار توغرۇلۇق باپتا “ئۇيغۇر مىللىتى ئۆلۈپ تۈگىگەندە ياكى خىتاي ھاكىمىيىتى يۇرتىمىزدا ئەڭ كۇچلۇك نۇقتىغا كەلگەندە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر خائىنلارغا ئېھتىياجى قالمايدۇ.” دەپ يازغان ئىدىم.  بۇگۈن خىتايلار، ئۇيغۇر مىللىتىنى خۇددى كەچ كۈزدە ئېتىزدا قوناق شاخلىرىنى بىر باشتىن قارا قۇيۇق يىقىتىپ ماڭغانغا ئوخشاش، بىر باشتىن يىلتىزىدىن قىرىپ مېڭىۋاتىدۇ. قېرى-ياش، ئەر- ئايال، بوۋاق، مېيىپ… ئايرىمايۋاتىدۇ. خىتاي، “بىزگە دوست ئۇيغۇر، بىزگە دۈشمەن ئۇيغۇر”،دەپ ئايرىپ ئولتۇرۇشنى ئەرزىمەس ئاۋارىچىلىق دەپ قاراۋاتىدۇ

تۆمۈرنى ئوت يالقۇنى، مىللەتنى زۇلۇم يالقۇنى تاۋلايدۇ. ئاللاھ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئويغىتىشنى خىتاي مىللىي زۇلۇمى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىرادە قىلغان بولسا كېرەك. ئاللاھ ھېچبىر قوۋمگە سەۋەبسىز ئازاب بەرگەن ئەمەس

ئۇيغۇر قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ، قېنىنى شاراپ قىلىپ خىتاي خوجايىننىڭ زىياپەت ئۈستىلىگە قويۇشقا ئادەتلەنگەن ئۇيغۇرلارغا دەيدىغان گېپىم يوق. ئۇلار بىلەن پەقەتلا مىلتىق ۋەياكى خەنجەر سۆزلىشىشى كېرەك. خىتايغا يېقىن تۇرۇپ ھوقۇقىنى، بايلىقىنى، ئۇنۋانىنى، يۈز- ئابرويىنى، ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى قوغداپ قېلىشنى ئويلاپ ھەركەت قىلغان ئۇيغۇرلار، مەسچىتكە كىرىپ ئاللاھقا، تاشقىرىغا چىقىپ زالىمغا تەزىم قىلىپ كەلگەن “تەقۋادار” مۇسۇلمان قېرىنداشلار! ئەمدى ئۆزەمنى يىرتقۇچ ھاكىمىيەتتىن قانداق قوغداپ قالىمەن؟ دەپ ئويلايدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟

Share
2568 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.