logo

trugen jacn

ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى 70 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

 

مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارادا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغاندىن بۇيان مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىزچىل ھالدا «مەكتىپىمىزدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قولغا ئېلىنمىدى» دەپ كەلگەن ئىدى.

«ئوتتۇرا شەرق كۆزەتكۈچىسى» تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد ئەل ماخراساۋى تۈنۈگۈن 70 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىقامەت ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ سۆزنى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەجلىستە ئېيتقان ھەمدە ئۇلارنىڭ 20 نەپىرىنىڭ مەكتەپكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى، قالغانلىرىنىڭ مەكتەپ قورۇسىدا تۇرۇشلۇق بولسىمۇ ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.

ئەل ماخراساۋى مەجلىستە يەنە «ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ‹مۇسۇلمان قېرىنداشلار› تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقى سەۋەبلىك تۈرمىگە چۈشكەنلەر تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن خىزمەتكە ئېلىنمايدۇ. مەكتىپىمىزدە بۇ تەشكىلاتقا باغلىنىشلىق بولغان كىشىلەرنىڭ خىزمەت قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن.

«مۇسۇلمان قېرىنداشلار» تەشكىلاتى 2013-يىلىدىن بۇيان مىسىردا مەنئى قىلىنغان دىنىي تەشكىلات. ئالاقىدار ئۇچۇرلار مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشتا مىسىر دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇشۇ تەشكىلاتقا باغلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/misirda-uyghur-07252017171027.html

Share
1217 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.