logo

trugen jacn

ئەسلەتمە: ئۇيغۇر بىر مەدەنىيلىشىپ بولغان مىللەت

 

ئەركىن سىدىق

2018-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى

 

 

ئىنگلىزچىدا «مەدەنىيەت» ئۇقۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەردىن مۇنداقلىرى بار:

Culture — كۇلتۇر، مەدەنىيەت؛

Civilization — مەدەنىيلىشىش، بۇرۇنقى دەۋردىن مەدەنىيلىشىش دەۋرىگە كىرىش؛

Civility — مەدەنىيلىشىش دەۋرىگە كىرىش بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن نازاكەت، ئەدەپ، يوسۇن، ئەدەپ-ئەخلاق، ۋە قائىدە-يوسۇن.

 

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى جورج ۋاشىنگتون 16 ياشقا كىرگەندە بىر قائىدە-يوسۇنلۇق ئادەم ئىش-ھەرىكەتتە قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەسۋىرلەيدىغان «110 ھېكمەت» دېگەن بىر كىتابچىنى بايقايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ ھېكمەتلەر ئۆزىنىڭ بىر ياخشى ئادەم بولۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىپ، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئاشۇ ھېكمەتلەر بويىچە ئىش قىلىشقا باشلايدۇ. ۋاشىنگتوننىڭ كۆپلىگەن ئېسىل پەزىلەتلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەدەنىي قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇش خاراكتېرى (civility) ۋاشىنگتوننى مۆتىۋەرلىكتە باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان قىلىپ، ئۇنى يەنە ھەممە ئادەم ھۆرمەتلەيدىغان بىر شەخس ۋە ئىنتايىن ئۈنۈمدار لىدېر ئورنىغا چىقىرىدۇ.

 

ھازىرقى زامان ئۆلچەملىرى بويىچە قارىغاندا، ۋاشىنگتوننىڭ چۈشەنچىسىدىكى مەدەنىي ئەدەپ-قائىدىنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما، ئۇ ئوينايدىغان رول ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە. يەنى، ئەدەپ-قائىدىلىك بولۇش باشقىلارغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش بولۇپ، ئۇ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سىلىقلاشتۇرىدۇ، ھەمدە باشقىلارغا مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

 

ئۇيغۇرلار ناھايىتى بالدۇر مەدەنىيەتلىشىپ بولغان مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر زېمىنى خېلى ئۇزۇن تارىخىي دەۋر ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. باشقا بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرگە مەدەنىيەت تارقاتقان مىللەتمۇ ئۇيغۇر. تۈركچىدە «مەدەنىيلىشىش» دېگەن سۆز ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن «uygarlık» دېگەن سۆز «Uygur» دىن كەلگەن سۆز، دەپ قارىلىدۇ.

 

لېكىن، ھازىر ھەممىمىزنىڭ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىدەك، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ مېڭىشىغا ئەگىشىپ، چەت ئەلدىكى WhatsApp قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى «ئۇيغۇر جامائىتى» ئىچىدە كىشىلەر بىر-بىرىنى ئەيىبلەيدىغان، بىر-بىرىنى قوپال سۆزلەر بىلەن تەنقىدلەيدىغان، ۋە بىر-بىرىنى قالاق سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلەيدىغان ھادىسىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىدى. ئازراقمۇ مەخسۇس تەربىيە كۆرمەي، يولدا كېتىۋېتىپ «سىياسىي باياناتچى»، «سىياسىي دەۋەتچى» ۋە «سىياسىي يېتەكچى» بولۇۋالغان بەزى كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا قارىتىپ دېگەن گەپلىرىدە ئىشلەتكەن سۆزلىرى ناھايىتى قوپال، ناھايىتى قالاق، ۋە ناھايىتى سەت بولۇپ، ئادەم بەزىدە «گەرچە بۇ كىشىلەر ھازىر 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار مەدەنىيەتلىشىش تارىخىي دەۋرىگە تېخىچە تولۇق كىرىپ بولالماپتۇ»، دەپ ئويلاشقا مەجبۇرىي بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

 

بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان زىيىنى ناھايىتىمۇ زور. ئىچكى جەھەتتە، ئۇ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق ئىشتا ئۆز-ئارا بىرلىشەلمەسلىكى ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بىر قىسىم ئالىي مەلۇماتلىق، بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەر سېپىگە قوشۇلۇشىنى توسۇپ قويۇۋاتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ھازىر بەزى «ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى» سېسىپ قۇرتلاپ كەتكەن كۆلچەكلەرگە ئوخشاپ قالغان بولغاچقا، پاكىز ياشاپ ئۆگىنىپ قالغان كىشىلەر ئۇنداق كۆلچەكلەرگە سەكرەپ چۈشۈشنى خالىمايۋاتىدۇ. مېنىڭچە بىر قىسىم بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك، ئەمما يۈزى نېپىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مىللەت ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرمەسلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئەنە شۇ.

 

تاشقى جەھەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ھالىتى ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغان چەت ئەللىكلەر ۋە ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرىدىغان چەت ئەل ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن «بىر تايىنى يوق مىللەت»، «تېخىچە تەرەققىي قىلمىغان مىللەت» دەپ يەكۈن چىقىرىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يازغانلىرىنى ۋە دېگەنلىرىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، يېقىندىن تەكشۈرۈپ ۋە كۆزىتىپ تۇرىدىغان چەت ئەل ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغان چەت ئەللىكلەر، بولۇپمۇ ئالىي مەلۇماتلىق چەت ئەللىك زىيالىيلارمۇ بار. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىپ، ھازىر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى دۇنيا خەلقىگە ئاڭلىتىۋاتقان چەت ئەللىكلەر ئىچىدىنمۇ ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغانلار بار.

 

ئاۋازىڭىزنى يۇقىرى قىلىپ سۆزلەش بىلەن سىز ھەرگىزمۇ باشقىلارغا بىلىملىك كۆرۈنەلمەيسىز. سەت، قوپال ۋە قالاق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ نۇتۇق سۆزلەش بىلەن سىز ھەرگىزمۇ باشقىلارغا نوپۇزلۇق كۆرۈنەلمەيسىز. ئۆزىڭىز مەخسۇس تەربىيە كۆرمىگەن ياكى ئۆگەنمىگەن بىر ساھەدە ئۇزۇن ۋە قالايمىقان سۆزلەش ئارقىلىق سىز ھەرگىزمۇ باشقىلارغا بىر لىدېردەك كۆرۈنەلمەيسىز. ئاشۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىزنىڭ بىر «بىلىملىك ئادەم»، بىر «نوپۇزلۇق ئادەم»، ياكى بىر «لىدېر» بولالىشىڭىز تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

 

ئۇلۇغ نۇتۇقلار توقۇنۇش ياكى سۈركىلىش جەريانىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئۇلار ناھايىتى چوڭ مەنپەئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن سۆزلىنىدۇ. ئۇنداق نۇتۇق ئاڭلىغۇچىلارغا ئىنتايىن كۈچلۈك ھېسسىيات بىلەن يەتكۈزۈلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلۇغ نۇتۇقلارنىڭ خۇرۇچى زىددىيەت، چوڭ مەنپەئەت ۋە كۈچلۈك ھېسسىياتتىن تەركىب تاپىدۇ.

 

سىزنىڭ نۇتۇق سۆزلەشتىن مەقسىتىڭىز ئاڭلىغۇچىلاردا مەلۇم ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدە، تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىدا ۋە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش. ئەمما سىز باشقىلارغا سېسىق گەپ قىلىش ياكى باشقىلارنى زاڭلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايسىز. ئەگەر سىز نۇتۇقىڭىزدا ئاڭلىغۇچىلارنى خاپا قىلىدىغان، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان، ئۇلارنى مازاق قىلىدىغان، ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان، ياكى ئۇلارنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىدىكەنسىز، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتەلمەيسىز. ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنى سىز ئەسلىدە ئۈمىد قىلغان تەرىقىدە ئۆزگەرتەلمەيسىز.

 

شۇڭلاشقا سىز سۆزلىگەن نۇتۇقنىڭ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىشى ئۈچۈن سىز چوقۇم قائىدە-يوسۇنلۇق، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، كەمتەر، ۋە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇشىڭىز كېرەك.

 

سىز بىر ئىدىيەگە ھۇجۇم قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، مەلۇم بىر ئىدىيەنىڭ ئىگىسىگە ھۇجۇم قىلماڭ. بولۇپمۇ تىڭشىغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەر ئادەمگە ھۇجۇم قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىڭ. بىر ئىدىيەگە قانچە قاتتىق ھۇجۇم قىلغانسېرى سىز شۇنچە قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇڭ. مەدەنىي ئەدەپ-ئەخلاقلىق سىز ئىشلەتكەن سۆز، سىزنىڭ ئاۋازىڭىز ۋە سىزنىڭ پوزىتسىيىڭىز ئارقىلىق نامايان بولىدۇ.

 

بىر قىسىم ئەھۋاللار ئاستىدا چەت ئەلدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر بىر مىللەتكە، يەنى ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر قانداق ماكان، ھەر قانداق زامان، ھەمدە ئۇيغۇرلار ۋە غەيرى-ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا مىللەتكە توغرا ۋەكىللىك قىلىشقا پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ.

 

مەن بۇ يازمامنىڭ ئۆزۈمنىڭ بىر دوستىنىڭ تۆۋەندىكى بىر ئابزاس سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:

 

نەقىل: ئىككى يۈزلىمىچى ساختا قەھرىمانلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئۇيغۇر دەۋاسى ھەقىقەتەن ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان ئەجەللىك خاتالىقلارنى كۆرۈشكە ئاجىز كېلىۋاتىدۇ. مەيدانسىز ۋە تۆھمەتخور ئۇيغۇرنىڭ كۆپلۈكىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇنسىز بوھتانلاردىن قېچىپ، مەيدانغا چىقىشتىن ۋە ئاۋانگارت بولۇشتىن ۋاز كېچىپ، سۈكۈت قىلىشقا، ياكى بولمىسا تۆھمەتلەر ۋە بېسىم ئىچىدە قەدەملىرىنى ئېلىشقا مەجبۇرىي بولۇۋاتىدۇ. ئاللاھ تۆھمەتخور ۋە ئەقىلسىز، سىياسەتنى ئۆز ھېسسىياتىغا ماسلاشتۇرۇشقا مەيلى بار كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە كېلىشىگە مەدەتكار بولغاي! ئاللاھ ئۇيغۇر خەلقىمىزنى بۇ زۇلۇملاردىن تېز ئارىدا قۇتۇلۇشقا نېسىپ قىلغاي! نەقىل تۈگىدى.

 

 

بۇ ماقالىنى «پىداكار» ئىنىمىز تەھرىرلىدى.

 

Share
3055 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.