logo

trugen jacn

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن; بوۋامنى ئەسلەيمەن

بۇ سۈرەت: (سولدىن ئوڭغا) بوۋام نىزامىدىن ئوسمان، مومام جەننەتخان نايىپ ۋە بوۋام-مومامنىڭ چەۋرىسى. بۇ سۈرەت 1996- يىلى ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىدىكى باغچىدا تارتىلغان.

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

مېنىڭ بوۋام ناھايىتى ئاددىي ئەمما ئۇلۇغ بىر ئىنسان ئىدى. بوۋامنىڭ ئىسمى نىزامىدىن ئوسمان. ئۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەزىزانە تۇپرىقى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ شىمالى قىرغىقىغا جايلاشقان قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن بىر بولغان تاللققبولۇڭ كەنتىدە توغۇلغان ۋە ئۆمۈر بويى ئۇشبۇ كەنتىدە ياشاپ ئۆتكەن.

 

مەن بوۋامنى ھەمىشە سېغىنىمەن… قەدىردان بوۋامنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئورۇن ئالغان سىماسى ماڭا ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلۇقنىڭ جەۋھەرلىرى بولغان ئىنسانلىقنى، مەردلىكنى، ئاقكۆڭۈللۇكنى، قەھىرمانلىقنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. بىزدىن بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىز مەردلىك، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە نامراتلىق بىلەن غۇرۇر، ئىززەت ۋە ئىپتىخارلىق ئارىسىدا تارازىدەك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ئادەمدە ياشاپ كەلگەن بولسا، بىز بۇ كۈنلەردە «ئادەمدەك ياشاش» ھوقوقىمىزدىن مىللەت بويىچە مەھرۇم بولدۇق. ئۇيغۇرنىڭ ئىپتىخارلىق روھى ۋە غۇرۇرى دەپسەندە قىلىندى…

 

–>

مەن ھار ۋاقىت بوۋامنىڭ تىزپۈكمەس گىگانت قەددىنى، يۈزىدىن نۇر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئىللىق چىرايىنى ئېسىمگە ئالغىنىمدا ھۇجۇدۇمدا قايتىدىن روھ تۇغۇلىدۇ. مۇشۇنداق بىر مىللەتنىڭ پۇشتى بولغىنىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن، بۇ دۇنياغا ئۇيغۇر بولۇپ ئاپىرىدە بولغىنىمدىن چەكسىز سۆيۈنىمەن.

 

بوۋام 2000- يىلى يازدا تۈگەپ كەتكەن. مەن ئۇ چاغدا مىيۇنخېندا ئىدىم. تېلېفون بوتكىسىدا ئۆيگە تېلېفون قىلغىنىمدا بوۋامنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇن تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تېلېفون تۇرۇپكىسىنى تاشلىۋېتىپ، تېلېفون بوتكىسىنىڭ ئىچىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بىر ھازا قانغۇچە يىغلىغىنىم ئېسىمدە…. ئەمما بىر ئۇيغۇرغىمۇ بۇ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئېيتمىغان ئىدىم، چۈنكى ئۇ كۈنلەردە ئەتراپىمدا بۇ مۇسىبەتنى ئاڭلىغۇدەك، ھېسداشلىق كۆرسەتكۈدەك بىرەر ئادەممۇ يوق ئىدى.

 

بوۋام ئۇزاق ئۆمۈر كۆردى… ئۇ ئوننەچچە نەۋرە ۋە چەۋرىلەر كۆردى. مەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم، يەنى 1999- يىلى ئەتىيازدا ۋەتەندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بوۋامنىڭ ئىللىق يۈزىگە يۈزۈمنى يېقىپ تۇرۇپ، رازىلىق دۇئاسىنى ئېلىپ خوشلاشقان ئىدىم (ئەمما شۇ ۋاقىتتا بۇ ۋىدالىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىكەنلىكىنى يۈرىكىم سېزىپ قاتتىق ئېچىشقان ئىدى). بۇ ۋىدالىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولۇپ قالغىنىغا، بوۋامنىڭ ئىسسىق يۈزىنى قايتا كۆرەلممىگىنىمگە تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ۋە ھەتتا ئۆمۈر بويى ئۆكۈنىمەن.

 

بوۋام ناھايىتىمۇ خۇشپېئىل، ئاقكۆڭۈل ۋە قەيسەر بىر كىشى ئىدى. مەن بوۋام بىلەن ئەزىزانە ماكان تارىم دەرياسىنىڭ بويلىرىدا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل بالىلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئىدىم. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللىرىم ئىدى. مەن ھەر مەۋسۇملۈك تەتىلدە بوۋام بىلەن تارىم جاڭگاللىقىدا بىللە پادا باققان ئىدۇق. بىز قىش كۈنلىرى بىللە توشقان، قىرغاۋۇل ۋە جەرەنلەرنى ئوۋلايتۇق. بۇ جانۋارلارنى بوۋام گاھى كۈنلەردە بۈركۈت بىلەن تۇتسا، گاھى كۈنلەردە قاپقان بىلەن تۇتاتتى. بەزىدە ئوۋ مىلتىقى بىلەن ئاتاتتى…

 

مەن تۈنجى قېتىم يەنى 2006-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ باردىم. بوۋامنىڭ قەبرىسىنى يوقلۇدۇم، قەبرە ئالدىدا تاغام ۋە جىيەنلىرىم بىلەن بىللە بوۋامنىڭ روھى ئۇچۇن قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇق. شۇ ۋاقىتتا ھايات بولغان مومامنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە «بالام، بوۋىڭىز سىزگە بەك ئامراقتى … بوۋىڭىز سەكراتتا يېتىۋاتقان كۈنلەرىنىڭ ئەڭ ئاخىرلىرى ئىدى. ئۇ ھويلىدا كارىۋاتتا ياتاتتى. ئاسماندا بىر ئايروپىلان مەھەللىمىزنىڭ ئۈستىدىن ھۆركىرەپ ئۇچۇپ ئۆتتى. بوۋىڭىز دەرھال بېشىنى كۆتۈرۈپ، “جەننەتخان، جەننەتخان، قارا، ئەزىز ئايروپىلاندا ئۇچۇپ كېلىۋاتىدۇ … ” دەپ، قولى بىلەن ئاسماننى كۆرسىتىپ جۆيلۈدى. بوۋىڭىز شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى ۋە شۇ كۈننىڭ ئەتىسى بىز بىلەن ۋىدالاشتى…».

 

يېقىنقى كۈنلەردە بوۋام ۋە مومامنىڭ خۇش چىراي سىماسىنى چۈشۈمدە كۆردۇم … مېھرىبان ئاللاھدىن سۆيۈملۈك بوۋام ۋە مومامنىڭ روھىنىڭ شاد بولۇشىنى تىلەيمەن.

 

مېنىڭ بوۋام، ئاتام ۋە پۈتۈن يەتتە ئەۋلاد جەمەتىمىز «شادئېلى قەبرىستانلىقى» يەنى (موللا ئەلەم شەھيارى مازارلىقى) غا كۆمۈلگەن ئىدى. بۇ مازارلىق بۇ يۇرتلارغا مەشھۇر بولۇپ، ئەتراپتىكى يېڭىچىمەن، تاللىقبۇلۇڭ، سىرماق، لەنگەر، 4- ئەترەت (تارىم تۈرمىسى) قاتارلىق مەھەللە -كەنتلەر ئاھالىلىرى ۋاپات بولغان قەدىردانلىرىنى مۇشۇ مازارلىققا ئېلىپ كېلىپ دەپىنە قىلاتتى. ئەمما 2019-يىلى بۇ ياقا يۇرتتىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقمۇ خىتاي ئىستىبدات ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغا «ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلىرى» نىڭ سىرتىدا قالمىدى. بۇ فاشىست ھاكىمىيەت بۇ قەبرىلەرنى بۇزۇپ يوق قىلىۋەتتى. مەن بۇ قەبىھلىكلەرنى Google خەرىتىسىدىن بايقىغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە كەمىنىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى بەدىلىگە دۇنيانىڭ دىققىتىگە نائىل قىلىدىم… دۇنيادىكى چوڭ ئاخباراتلاردىن فرانسىيە ئاگېنتلىقى، BBC ۋە CNN بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەرلەر بەردى.

 

بۇ ئۇنتۇلماس گۈزەل ئەسلىمىلەر بىلەن مۇجەسسەملەنگەن بوۋامنىڭ خاتىرىسى مېنىڭ بالىلىق قەلبىمدە ئالىجاناپلىقنىڭ، باتۇرلۇقنىڭ، ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ، ھالال مېھنەتنىڭ ۋە سەبرى- تاقەتنىڭ، تىزپۈكمەس ئىراردىنىڭ… ئىشقىلىپ ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ ئېسىل ئوبرازىنى قالدۇرغان ئىدى. مەن بوۋامنى مانا مۇشۇنداق ئېسىل سۈپەتلەر بىلەن ئەبەدىي ئەسلەيمەن.

 

2021- يىلى 26- يانىۋار، لوندوندا قەلەمگە ئېلىندى.
مەنبە ئەلكۈن تورى.

http://www.azizisa.org/bowamni_esleymen/

Share
1932 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.