logo

trugen jacn

ئەر – ئايال15 نەپەر پىدائىي قەشقەر تاختاكۆۋرۈكتىكى قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قەشقەردىكى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ساقچى خادىملىرىغا تارقىتىلغان بىر جىددىي ئۇقتۇرۇش تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلاندى. ئۇقتۇرۇشتا قەشقەر شەھىرىدە بىرقانچە مەيدان پارتىلىتىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، ھۇجۇمچىلاردىن 15 نەپىرىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە بىر رەسمىي، بىر ياردەمچى ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنىپ ساقچىلار جىددىي ھالەتكە چاقىرىلغان.

مۇخبىرىمىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن تۈنۈگۈن قەشقەردىكى ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىدى. ئاشكارىلىنىشىچە ئىچىدە ئاياللارمۇ بولغان 15 نەپەر پىدائىي بىر ئاپتوموبىل ۋە بىر ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت بىلەن قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ كېلىۋاتقاندا تاختا كۆۋرۈكتىكى قاراۋۇللخانىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان، ئۇلار ئاپتوموبىل ۋە موتسىكلىتنى بىلەن ساقچىلارنى سوقۇش، يېنىدىكى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋە بېنزىن بوتۇلكىسىنى پارتىلىتىش ئارقىلىق ئاز دېگەندە 3 نەپەر ساقچىنى ئۆلتۈرگەن، 7 نەپىرىنى يارىلاندۇرغان. نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن خىتاي ساقچىلىرى پىدائىيلارنى ئوققا تۇتقان، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئوقىدا 15 نەپەر پىدائىي ۋە يولدىن ئۆتكەنلەر بولۇپ 20 نەچچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يەنە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە پىدائىيلار ئەسلىدە قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى مەركەزلەشكەن بىر قانچە ئورۇننى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ بەلگىلىگەن، ئەمما شەھەرگە كىرىدىغان يولدىكى توساقلار قاتمۇ – قات بولغاچقا شەھەر ئىچىگە كىرىشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان، نەتىجىدە ئۆزلىرىنى توسقان تاختا كۆۋرۈكتىكى قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلغان. يەنە شاھىدلاردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا كەلگەن خىتاي ساقچىلار ماشىنىدا سوقۇپ ۋە بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەن 3 ساقچىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق جىددىيلەشكەن، ۋە جىددىيچىلىكتە قارا – قويۇق ئوق چىقىرىپ ۋەقەگە چېتىشلىقى بولمىغان ئونلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان. يەنە ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە ۋەقەدە پىدائىيلار، ساقچىلار ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتسىز ئاممىدىن بولۇپ جەمئىي 28 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qeshqer-taxta-kowruk-06242015203746.html

Share
1491 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.