logo

trugen jacn

ئەرنىڭ ئىپپىتى – غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

ئەرنىڭ ئىپپىتى

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

كۈلسە لەۋلىرىدە گۈللەر ئېچىلار
يىغلىسا كۆزلىرىدىن ئۈنچە چېچىلار
ماڭسا ئايىغىدىن تىللا تۆكۈلەر
نەدىسەن مېنىڭ گۈزەل مەلىكەم؟

خوتەن دەشتىدە مەن پىيادە
ھاسام ئۇپرىدى قۇياش كۆزىدە،
ئولتۇرۇپ ئەڭ ئېگىز بىنانىڭ پەلەمپىيىدە
تاكسىدىن چۈشىۋاتقان، ئىشتان كىيمىگەن قىزلار ئىچىدە
سېنى بارمىكىن دەپ قاراپ قالىمەن.

قاتتىق ھاقارەتتىن يۈزلىرىم چىم – چىم
ئانا گۆشى ساتماقتا بىركىم.
سەن تېخى قاندىن قورقۇدىغانلىقىڭنى بىلمەيتىڭ،
دەرەخ شېخىدىكى ھىجرانكار كاككۇك
مېنىڭ ساڭا چاڭقاشلىرىمنى چۈشىنەر بەلكىم.

سەن بىلمەيسەن بۇ يەردە
ئۇر توقماق ئەسەبىيلىشقپ ئۆز ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى
ئېچىل داستىخان ئېچىلىۋىرىپ قۇرىتىۋەتتى ئېتىزدىكى ئاخىرقى داننى.
ساڭقا ئېشىكىم ئوغرىلاندى، تەڭگىلەرنىڭ شاراقلاشلىرىدىن كېلەر ئۇنىڭ تاياق ئاۋازابىدا ھاڭرىغان ئۈنى.

چۈشۈپ ئاسماندىن ياغاچ ئاتقا مىنگەن شاھزادە
سېتىۋەتتى ئاچلىقتىن ئېتىنى ئوتۇن بازىرىدا.
پادىچى تازنىڭ مەلىكەنىڭ سۇ ئاللىرىغا جاۋاپ ئىزدەپ تۇرغىنىنى كۆردۈم كىتابخانىدا.

پەرھات ئون يىل تەشتى بىستون ئەمەس، شېرىن تېغىنى،
غېرىپ پالاندى چۆلگە ئەمەس، سەنەمنىڭ مۈشكۈل مۇھەببىتىگە.
تاھىر ئاقتى دەريادا ئەمەس، زۆھرەنىڭ تارام – تارام كۆز ياشلىرىدا چۈشەنمەيدۇ بۇنى مەڭگۈ ئاشىقتىن ئۆزگە …

سەن نەدە،
قەدىمدىنمۇ يىراق بىر يەردە
دەرەخ كاۋىكىدا مېنى ساقلاپ تۇرامسەن؟
ئاسمان
دېڭىز
تاغ
تۇغۇلامدۇ ئۈچ ئوغلۇم قايتا
ئۇلارنى سەن تۇغۇپ بېرەمسەن؟!

مەن ئورۇق، ئاچ
مەن ساڭا خۇمار
ئەرلەر ئىپپىتىنى يوقاتقىلى بولدى كۆپ يىللار.
رادىيو جىنسىي كېسەل توغۇرلۇق بەرمەكتە ئېلان،
ئەرلەرنى چۆچۇتكىنى ئېلان ئەمەس
قەرز سۈيلەۋاتقان تەلۋە ئاياللار.

ۋەتەن
ئەرنىڭ ئىپپىتى.
ۋەتەن
ئەرلەرنىڭ ياتلاشقان ئېتىقادتىدا
سۇسلاشقان ئىمانىدا
داتلاشقان پىچىقىدا
چاڭقاپ ياتقان بىر سىقىم تۇپراق
قانغا، ۋىجدانغا.

قورقۇپ كەتتىم
ئۈمىدسىزلىكنىڭ يۈرىكىمنى لەختە – لەختە قىلىپ ئۇھسىنىشدىن
ئايال كۆز يېشىنىڭ مۇشتۇملىرىنى تۈگۈشىدىن
ئىشتان بېغىغا قول ئۇزاتقاندا
پۇتمەس قەرزلەرنىڭ ئەسەبىلىرىمنى بوشىتىشىدىن …

ئاھ، مېنىڭ مەلىكەم،
كۈلمەي
يىغلىماي
ماڭماي
مېنى ساقلاپ تۇرامسەن
ئۇيغۇر خەلق ججچەكلىرىدە؟!

Share
1870 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.