logo

trugen jacn

 ئەركىن سىدىق: چاقىرىق -شىئىر

چاقىرىق

 

      ئەركىن سىدىق

يىل 2017- 15-سېنتەبىر

 

قاپلىدى ۋەتەننى تېررورلۇق تۇمان

بوپقالدى مىللىتىم ياتلارنىڭ قۇلى

قالمىدى ئىنسانچە ئەركىنلىك، ھوقۇق

قالمىدى ياشاشنىڭ ئىمكانى، يولى

 

كېسىلدى مىللەتنىڭ ئۇيغۇرچە تىلى

خارلاندى قۇرئانى، ئىمان ھەم دىنى

دۆۋلەندى ئازابى ئېگىز تاغ بولۇپ

يارلاندى ۋۇجۇدى، بەدەن ھەم دىلى

 

يول قويماس قىلچىمۇ ياردەمچى مەردكە

مۇمكىنمەس ھېچ كىمگە بويسۇنماي شەرتكە

غايىب بوپ يۈرەك پارى ئۈنسىز، دېرەكسىز

بارغانچە چىڭ پاتتى كۆپ يۈرەك دەردكە

 

ئېزىلدى ھەر يۈرەك چەكسىز ئەلەمدە

ياشاۋېرىپ ئىچىدە دوزاختەك ئاپەت

بىز كۆرگەن كۈنلەرنى كۆرمىگەن ياتلار

ياشىماق بەكمۇ تەس بولمىسا تاقەت

 

چىقتۇق بىز چەت ئەلگە ئوكياندىن ئاتلاپ

ئىشلەشكە مىللەتكە يۇرتلارنى تاشلاپ

ئاغرىتار يۈرەكنى ۋەتەن ھالىتى

ياشايمىز ھەر كۈنى كۆزلەرنى ياشلاپ

 

ئۆزگەردى بۇ دۇنيا يامانغا قاراپ

جىم تۇردى دەرد چۈشسە ئۇيغۇر بېشىغا

ياشىغانتۇق ياتلارغا مېھرىبان بولۇپ

ئەي ئاللاھ بەر دىققەت ئۇيغۇر يېشىغا

 

ئۆتكۈزدۇق كۆپ يىلنى ياتقا بېقىنىپ

تەلمۈردۇق بىر يەردىن ياردەم كېلەر، دەپ

ئۇيغۇرمۇ تارىختا تۆھپىكار بولغاچ

ئىنسانلىق، ئادىللىق بىزنى يۆلەر، دەپ

 

يوقاتقاچ قولدىكى مالنى، بايلىقنى

كەلمىدى ھېچ ياردەم بىز كۈتكەن يەردىن

تەس بولدى ئېرىشىش ھېسداشلىققىمۇ

بىكاركەن باشقىسى كۈرەش ۋە تەردىن

 

قىلمىسۇن خەلقىمنى نابۇت چۈشكۈنلۈك

يار بولسۇن ھەر ۋاقىت كۈچلۈك ئىرادە

ئايلانسۇن قالقانغا ئېتىقادىمىز

كۆپەيسۇن دوستىمىز بولماي يىگانە

 

بەرمەيدۇ ھۇرۇنغا ياردەمنى ئاللاھ

ھۆرلۈكچۈن ئالمىسا جانلارنى قولغا

ئاتا قىپ بارىنى خەلقى-يۇرتىغا

ئاتلىنىپ كۈرەشكە چىقمىسا يولغا

 

ئۈندەيمەن قەۋمىمنى سەۋر قىلىشقا

ئۆستۈرۈپ ئەقىلنى كۈچنى يىغىشقا

ۋىجدانلىق، ئۈمىدۋار، تىرىشچان بولۇپ

مىللەتكە، ۋەتەنگە ئىگە چىقىشقا

 

تاشلايلى رەڭگارەڭ مەزھەپ تۈزۈشنى

بىرلىشىپ ئۇيغۇرلار ئورتاق نىيەتتە

ئېپقېلىش مەۋجۇتلۇقنى بىزگە بىر پەرز

ساقلايلى كىملىكنى كېلىپ غەيرەتكە

 

ئۆستۈرگىن كۈچۈڭنى ئىلىم-پەن بىلەن

ئەي خەلقىم قىل ئىشنى ئەقىل-پەم بىلەن

تاللىغىن نىشاننى، چارىنى توغرا

يۈكسەلسۇن يۇرت-خەلقىم سەن ۋە مەن بىلەن

 

ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانژېلىس شەھىرى

Share
4606 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.