logo

trugen jacn

ئەركىن سىدىق: كەلمەيدىكەن چىن بەخت سەنسىز ۋەتىنىم

 

ئەركىن سىدىق

يىل  2017- 10-نويابىر

 

 

ئېسىمدە  بالا چاغدا ئۇماچ ئەتكىنىم

كالىغا مېنىۋېلىپ خامان تەپكىنىم

قىش ئۈچۈن يەرنى كولاپ گەمە ياپقىنىم

كەلمەيدىكەن چىن بەخىت سەنسىز ۋەتىنىم

 

بارىتۇق كۆپ جايلارغا ياريار ھارۋىدا

ئۇخلايتۇق باغ، ئۆگزىدە يۇلتۇز قوينىدا

مۇڭداشقان تۇغقانلىرىم باغلىق ھويلىدا

كەلمەيدىكەن چىن بەخىت سەنسىز ۋەتىنىم

 

يۇرتۇمدا ھەممە كىشى مېھرىبان ئىدى

ئاياللار بەك كۆيۈمچان ھەم ئىشچان ئىدى

ئەرلەرمۇ ھېچ يېڭىلمەس قەھرىمان ئىدى

كەلمەيدىكەن چىن بەخىت سەنسىز ۋەتىنىم

 

ئېسىمدە كۆپ چۆمۈلگەن يېزا ئۆستىڭى

كېچىلەردە ھارۋىلىق ئېزىشلار تېخى

بىلىمگە ئېسىۋالغان پىچىقىم قېنى؟

كەلمەيدىكەن چىن بەخىت سەنسىز ۋەتىنىم

 

مەكتەپتە قىز-ئوغۇللار ئىناق، شوخ ئىدى

ئانا تىلدا دەرس ئاڭلاپ دىللار توق ئىدى

كىملىكتە ياتلىشىش قەتئىي يوق ئىدى

كەلمەيدىكەن چىن بەخىت سەنسىز ۋەتىنىم

 

چەت ئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشتىم

بەش يىلدا ئۈچ تىل بىلىپ، شەرتكە يېتىشتىم

ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق تونغا ئېرىشتىم

كەلمەيدىكەن چىن بەخىت سەنسىز ۋەتىنىم

 

كۆرۈنەر ئىللىققىنا ئۇيغۇرۇم چېھرى

ئۆزگىچە تەملەر بېرەر بارلىق ئاش-نېنى

بىر ماكاندا تۇغۇلغاچ چىرمىشار جېنى

كەلمەيدىكەن چىن بەخىت سەنسىز ۋەتىنىم

 

ئىدارىگە قىلغانلىرىم يېقىپ كەتسىمۇ

نەتىجەم تەلەپتىن كۆپ ئېشىپ كەتسىمۇ

جۇرناللار جىق ماقالەمنى بېسىپ كەتسىمۇ

كەلمەيدىكەن چىن بەخىت سەنسىز ۋەتىنىم

 

ياشايمەن بىر يېرىم كەم ئۆيۈم بولسىمۇ

ھەمرايىم، قىز-ئوغلۇمدىن كۆيۈم بولسىمۇ

ئەلگە ياققان ئەمىلىم، سۆزۈم بولسىمۇ

كەلمەيدىكەن چىن بەخىت سەنسىز ۋەتىنىم

 

يۇرت-ۋەتەن مۇھەببىتى ئىكەن بىر ئوكيان

تەڭ كېلەلمەس قەدرىگە باشقا ھېچ ماكان

تۇيغۇلار سېغىنىشتىن ياسار بىر ۋولقان

كەلمەيدىكەن چىن بەخىت سەنسىز ۋەتىنىم

 

پىغانسىز ئۆتمەس ھازىر بىر سائەت، بىر كۈن

ھەسرەتتە قېتىپ قالدى بارلىق ئاۋاز-ئۈن

ئەي ئاللاھ! قىل بۇ كۈننى تاڭ ئالدىدىكى تۈن

كەلمەيدىكەن چىن بەخىت سەنسىز ۋەتىنىم

 

Share
2125 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.