logo

trugen jacn

ئەركىن سىدىق: ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

 

ئەركىن سىدىق

 

ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

يىل  2017- 12-دىكابىر

 

ئاسىيانىڭ كىندىكى قالدۇرغان كۆپنى ھەيران

نەچچە مىڭ يىل ياشىغان ئۇنىڭدا خەلقىم ئامان

خوجايىن بوپ ئۆتكەن ھەم، ھۆرلۈكتە سۈرۈپ دەۋران

ئاتامىراس تۇپراق ئۇ، مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

 

چەكسىز كەتكەن ئۇ يەردە تاش، قۇملۇق ۋە سايلىق بار

شۇ قۇم-سايلىق ئاستىدا سۇ، قاشتاش ۋە بايلىق بار

بىپاياندۇر يايلىقى، كانلىرى كۆپ تاغلىق بار

ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

 

بەكمۇ مۇنبەت تۇپرىقى، ئوخشايدۇ كۆكتات-ئاشلىق

باغقا تولغان ھەممە يەر، يېمىشلەر تەملىك، تاتلىق

خەلقىم خوشال ياشايتتى، ماڭسىمۇ ئىشەك-ئاتلىق

ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

 

ۋەتەن يولى ئۈزۈلدى، قۇرۇقلۇق چوڭ يېرىقتەك

شۇڭا تەملىك غىزامۇ تېتار گويا قېرىقتەك

ۋەتەنسىزلىك قىپ قويدى بىزنى سۇسىز بېلىقتەك

ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

 

ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى

ئىگىسىگە بىلىنمەس نەرسىنىڭ بار-يوقلىقى

تۇيۇلار سەل ئاچلىقمۇ قورساقنىڭ بوپ توقلۇقى

ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

 

ئۇ يۇرتتا مەن ئۆتكۈزگەن بەخىتلىك ھايات، ياشلىق

مەكتىپىدە بىلىم ئېپ، ئېتىزدا تېرىپ ئاشلىق

شۇڭا گۆھەر كۆرۈنەر سايدىكى شېغىل-تاشلىق

ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

 

بۇلغانماستا مۇھىتى گۈزەلتى زېمىن، ئاسمان

ياققان قارلار چىڭ توڭلاپ ماڭىتى چانا راۋان

مېھرى بىلەن قانداشلىق ئۆتەتتى خوشال زامان

ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

 

ۋەيرانچىلىق باشلاندى ئورمانلىق ۋە يايلاقتا

سېسىپ كەتتى كۆللىرى كۆپ ئادەم كەپ، ماغزاپتا

يارىلاندى ھەر يۈرەك زۇلۇملار ۋە ئازابتا

ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

 

چۆللىرىدە قالمىدى كۆيگۈدەك يانتاق-ياغاچ

كۆللىرىدە قالمىدى پاقىلار ۋە قارلىغاچ

باغلىرىدا قالمىدى كېپىنەك، پاختەك، قۇشقاچ

ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

 

بولۇپ قالدى مەن ئۆسكەن ئانا يۇرت بىر ئەسلىمە

يېتەر، ئەمدى بولدى قىل، ئىگىسىنى قەستلىمە

خەلقىمدە بار ئىرادە، بولمايدۇ ھېچ تەسلىمە

ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

 

ھەر تارتۇقنىڭ ئالدىدا مۇشكۈللەر ۋە سىناق بار

مەنزىلدىمۇ كۆزلىگەن يېقىن بىلەن يىراق بار

«سەن يوقايسەن!» سۆزىدە كۆپ گۇمان ۋە تىرناق بار

ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

 

ئانا بىزگە سەن ۋەتەن، ھەرگىز بىزنى تاشلىما

قىلسۇن ياتلار نېمىلەر، كۆزۈڭنى ھېچ ياشلىما

ئاتمىغىچە تاڭ بىزگە بەل قويۇشنى باشلىما

ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

 

ئاللاھ چېچىپ ھەر يەرگە شەپقەتلىك نۇر، ھارمىدىڭ

بەردىڭ ھۆرلۈك كۆپلەرگە، ۋەدەڭدىن ھېچ يانمىدىڭ

پات يېقىندا كەلگۈسى بىزگىمۇ نۇر-ياردىمىڭ

ئەجدادىمنىڭ زېمىنى مەن شەرتسىز سۆيگەن ماكان

 

Share
1566 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.