logo

trugen jacn

ئەركىن سىدىقنىڭ 7- كىتابى نەشردىن چىقتى

9fbe16a6-5fd3-445a-b707-85504d4c4d20

‏يىل 2017-«خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى» ھارپىسىدا، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى مۇتخەسسىسى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ «تۇرمۇشتىكى مۇھىم ساۋاقلار ۋە ساۋاتلار» ناملىق 7‏-كىتابى تۈركىيەدىكى «تەدبىر شىركىتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

340 نەچچە بەتلىك مەزكۇر كىتابقا جەمئىي 22 پارچە ماقالە ۋە جۇغلانما ئىنكاسلار بېرىلگەن. كىتاب ئەر-ئايال، پەرزەنت، ئائىلە مەسىلىلىرى، دوستلۇق، دىن ۋە ياخشى-يامانلىق سەۋەبلىرى، ھۇرۇنلۇق ۋە تارتىنچاقلىقنى تۈزىتىش چارىلىرى، روھىي ۋە ماددىي جەھەتتىن كۈچلىنىش تەدبىرلىرى قاتارلىق كىشىلىك تۇرمۇشقا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆزىنىڭ كىتاب ۋە نەشرىياتچىلىققا ئالاقىدار ئۈمىد-قاراشلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەركىن سىدىقنىڭ ئىلگىرىكى 6 كىتابنىمۇ «تەدبىر شىركىتى» نەشر قىلغان ئىدى. «تەدبىر شىركىتى» دىن ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندىمۇ ئەركىن سىدىق كىتابلىرىنىڭ نەشر قىلىنىش ۋە تارقىلىش ئەھۋالى توغرىلىق توختىلىپ ئۆتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/erkin-sidiq-02212017151926.html

Share
1679 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.