logo

trugen jacn

ئەركىن تۇنىياز مىسىر ئۆلىمالارنى ئالداش ئۈچۈن قاھىرەگە ئەۋەتىلدى

 

 

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى 4-ئىيۇل كۈنى باشلاپ، بۇ ۋەقە دۇنيا ئاخباراتلىرىدا كۈن تەرتىپكە كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ  مۇدىرى قورچاق ئەركىن تۇنىيازنى دەرھال مىسىرغا يولغا سېلىپ ئالداش ھىيلىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان

قاھىرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 10-ئىيۇلدىكى تور بەت خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، 6-ئىيۇل كۈنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەركىن تۇنىياز باشلىق قورچاقلار ئەزھەر ئونۋېرسىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابباس قاتارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەن

كۆرۇشۇشدە ئەركىن تۇنىياز شاتۇتىغا ئوخشاش خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تەييار قىلىپ بەرگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى، دىننى ئەركىنلىك قاتارلىق قەغەزدە بار ، ئەمەلىيەتتە يوق يالغاننى يادلاپ بەرگەن.

ئەزھەر مۇدىرى بولسا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلماسلىقنى ھەمدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.لېكىن قاھىرەدىكى خىتاي باش ئەلچىسى تۇتقۇن قىلىنغانلارنى ئەسەبىي دىننى ئاشقۇن دەپ بوھتان قىلغان

8- ئىيۇل كۈنى مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئەركىن تۇنىياز باشلىق قورچاقلار مىسىردىكى سادىق غالچا ئابلىمىت ئاتۇش ھەمدە ۋەكىل ئۈچۈن قويۇپ قويغان ئابدۇخالىق ، ئەكبەر  قاتارلىق ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلىپ ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشتا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئابلىمىت ئابلىكىمنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلگەن

پات يېقىندا ئۇيغۇر نىداسى تورىدا ئابلىمىت بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتمىزنى ئاڭلايسىلەر

ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى

Share
1392 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.