logo

trugen jacn

ئەركىنلىك سارىيى نىڭ 2019-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ئىلھام توختىغا بېرىلدى

ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام دادىسىغا ۋاكالىتەن بۇ يىلقى «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋالدى. 2019-يىلى 8-ماي. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئەركىنلىك سارىيى» ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش، شۇنداقلا ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتلەرنىڭ دېموكراتىيىگە پەيدا قىلىۋاتقان خىرىسلىرىنى چەكلەش ساھەسىدىكى كۆپلىگەن خىزمەتلىرى بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىچى ۋە تېشىدا ھەرقايسى ساھەلەرگە تونۇشلۇق بولغان غەيرىي رەسمىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر. 1943-يىلىدىن تارتىپ «ئەركىنلىك سارىيى» ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ساھەسىدە ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىغان شەخسلەرگە يىلدا بىر قېتىم «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» تارقىتىپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ئىچىدە ئېيسېنخوۋېر، جورج مارشال، مارتېن لۇتېر كىڭ، ۋىنستون چېرچىل، دالاي لاما، ۋاسلاۋ خاۋېل قاتارلىق دۇنيادا تونۇلغان شەخسلەر بولۇپ، 2019-يىللىق مۇكاپاتنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ سۆيۈندۈرگەن بىر ھادىسە بولدى.

بۇ يىلقى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 8-ماي كۈنى ئاخشىمى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى رىتز كارلتون مېھمانسارىيىدا چاقىرىلدى. «ئەركىنلىك سارىيى» ھەيئەت ئەزالىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكىل چېرتوف قارشى ئېلىش سۆزى قىلىپ، ئۆتكەن ئون-يىگىرمە يىل مابەينىدە دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ بارغانسېرى چېكىنىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ھەقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغان دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇپ، پۇقرالار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك بۇ ھەقلەرنى ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. شۇ قاتاردا ھازىر دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە ئەڭ زور دەرىجىدە خىرىس پەيدا قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاينىڭ ھازىر مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىۋالغانلىقىنى ئالاھىدە مىسال قاتارىدا تەكىتلەپ ئۆتتى. 

شۇنىڭدىن كېيىن «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەسىس قىلىنىشى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم كۆرسىتىلدى. فىلىمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكادا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان تۇنجى تەشكىلات ئىكەنلىكى، ئۇ دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكى قىسقا ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ بايان قىلىنغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭدا يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ، جۈملىدىن خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇپ كەلگەنلىكى، ھاكىممۇتلەقلىق ئاساسىدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ چېكىنىشىدە باش «رولچى» بولۇۋاتقانلىقى جانلىق تەسۋىرلەنگەن ئىدى. 

«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ رەئىسى مايكىل ئابراموۋىز ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ «سوغۇق ئۇرۇش» تىن بۇيانقى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا دېموكراتىيىنىڭ چېكىنىشىگە شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى، دېموكراتىيىگە قەدەم ئېلىپ، دېموكراتىيەلىشىشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا ئارقىغا يېنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، «دۇنيا دېموكراتىيىسىنىڭ سەركىسى» دەپ قارىلىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ دېموكراتىيىگە سەركىلىك قىلىشتا قىسمەن چېكىنىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەچ، ئەركىنلىك سارىيىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. 

«ئەركىنلىك سارىيى» بۇ يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۈچ خىل مۇكاپات تارقاتتى. ئۇنىڭ بىرىنچىسى «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بولۇپ، ئامېرىكا يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئاكتىپلىق بىلەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» نىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان كوري گاردنېر بۇ يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا يىغىن ئەھلىگە ئەتراپلىق ۋە ئۇقۇشلۇق قىلىپ چۈشەنچە بەردى. شۇنداقلا ئۇنىڭ كەم تېپىلىدىغان گۆھەر كەبى ئۇيغۇر زىيالىيسى بولۇشىغا قارىماي مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئىلھام توختىغا چاپلانغان «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتىنىڭ ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىش-پائالىيەتلىرىگە قىلچە ماس كەلمەيدىغانلىقى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ قەھرىمانلارچە كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىقىپ ھەقنى سۆزلەشتەك جاسارىتىنىڭ ھەممىلا كىشىگە ئىلھام بەخش ئېتىدىغانلىقىنى، ھازىر بولسا ئىلھام توختىغا ئوخشاش يۈزلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، بۇ لاگېرلاردا قىيناق ۋە ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇشلار سەۋەبىدىن سانسىزلىغان ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئاخىرىدا ئۇ ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ دادىسىغا ۋاكالىتەن بۇ يىلقى «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا پۈتۈن زالدىكىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياغدۇردى. 

ئۆتكەن ھەپتە ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغان جەۋھەر ئىلھام سۆزگە چىقىپ، دادىسىغا «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىلگەن مۇشۇ مىنۇتلاردا ئۆزى ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىنسان ھېسابلىنىدىغان، بىر ئۆمۈر ئۇيغۇرنىڭ دەردىدە كۆيگەن دادىسىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك دادىسىغا ئوخشاش مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، بىر كۈنلەرگە كەلگەندە «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئوخشاش مۇكاپاتلارنى تارقىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى دۇنيادا ھەممىلا ئادەم جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئەركىن ۋە ھۆر ياشايدىغان بىر كۈن جەزمەن كېلىدۇ، دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندە زالدا يەنە بىر قېتىم گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى كۆتۈرۈلدى. 

«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ بۇ يىلقى مۇكاپاتلىرىنىڭ ئىككىنچىسى «لىدېرلىق مۇكاپاتى» بولۇپ، دۇنياۋى شىركەت بولغان «مىكروسوفت» شىركىتىنىڭ رەئىسى براد سىمىسقا بېرىلدى. «تونۇش ئۆستۈرۈش مۇكاپاتى» بولسا مىسىرلىق داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى باسېم يۈسۈفكە بېرىلدى. 

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندا «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ رەئىسى مايكىل ئابراموۋىز ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ يىلقى مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا بېرىشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە سورىغاندا ئۇ ئىلھام توختىنىڭ ھەقنى ياقلاش جۈرئىتىنىڭ بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

«بىز بۇ مۇكاپاتنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىر يېتەكچىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئويلاشتۇق. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇنتۇپ كېتىلمىگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشنىمۇ مۇۋاپىق تاپتۇق. بىز ئۇنىڭ جاسارىتىگە ھەمدە ئەركىنلىكنى قوغداش شىجائىتىگە مۇشۇ ئارقىلىق ئاپىرىن ئېيتتۇق. بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىشىگە بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. ئەمما بىز مۇشۇنداق بىر يەككە شەخسنىڭ جاسارىتىنى ئېتىراپ قىلماقتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ‹ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشنى توختات› دېمەكتىمىز.» 

جەۋھەر ئىلھامدىن ئۇنىڭ شۇ تاپتا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ تولىمۇ ھاياجاندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا دادىسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى ھازىر سانسىزلىغان ئۇيغۇرنىڭ دادىسىغا ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. 

بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلاردىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئېغىر سىياسىي كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. 

ئىلھام توختىنىڭ 2019-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بەكلا خۇشال قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا تېخىمۇ كۆپ ھېسداشلىق ۋە قوللاش ئېلىپ كېلىشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/Ilham-toxti-erkinlik-mukapati-05092019232031.html
Share
22764 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.