logo

trugen jacn

ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن بىر ئېرلاندىيەلىكنىڭ ئەينى چاغدىكى يۈرەك سۆزى

خانىملار، ئەپەندىلەر!

كۈچلۈكلەر ئاقىۋەت ئاجىزلارنىڭ قولىدا ھالاك بولىدۇ ، سىلەر ئاجىز مىللەتلەرنىڭ روھى دۇنياسىدىكى غەلياننى چۈشەنمەيسىلەر. بەلكى چۈشىنىشنى خالىمايسىلەر. سىلەرنى چۈشىنىشكە مەجبۇرلايدىغان رادىكال بىر كۈچ ئوتتۇرىغا چىقمىغۇچە، ئۆزۇڭلار خان، ئۆزۈڭلار بەگ دەۋىر سۈرىسىلەر. سىلەر ئىرلاندىيە تۇپرىقىنى گويا ئەنگىلىيىدىن كۆچۈرۈپ كەلگەندەك خالىغانچە ئىدارە قىلىسىلەر، دەپسەندە قىلىسىلەر. ئۆزۈڭلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچىگە، دىپلوماتىيە كۈچىگە تايىنىپ بىزنى يەپ تۈگەتمەكچى بولىسىلەر. ئەگەر بىز تەقدىرگە تەن بەرسەك، يەنى ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ، قۇۋۋىتىڭلارغا تەسلىم بولساق، قارشىلىقلىرىمىزدىن ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە ۋاز كەچسەك، بىزنى ھەقىقەتەنمۇ مۈشۈك بالىسىنى يىگەندەك يەپ تاشلايسىلەر. بىراق، بۇ ئاقىۋەت ئىرلادىيىلىكلەردە مىللىي ئىرادە پۈتۈنلەي ئۆلگەندە ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۈگۈن بۇ ۋەتەندە ئاجىز بولسىمۇ، تارقاق بولسىمۇ، ئاز بولسىمۇ مۇستەقىل ئىرلاندىيە دۆلىتى ئۈچۈن قان تۆكۈپ كۈرەش قىلىۋاتقانلار مەۋجۇد. كۈرەش ئىرادىسىدىن ئايرىلمىغان مىللەت ھامان بىر كۈنى دۈشمىنى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ.

سىلەر مېنى تېررورىست ئاتاپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان 60 – يىللىرى مەن ئەسلا تېررورىست ئەمەس ئىدىم. “ئەركىن ئىرلاندىيە تەشكىلاتى”مۇ تەررورىستىك تەشكىلات ئەمەس ئىدى. تېررورىزىم ئاجىزلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى. مەن ئۇ چاغلاردا تېررورىزىمنىڭ ئىرلاندىيىلىكلەرنىڭ قولىدا قالغان ۋە كېرەككە كېلىدىغان بىردىن بىر قورال ئىكەنلىكىنى تېخى بىلىشكە ئۈلگۈرمىگەن ئىدىم. “ئەركىن ئىرلاندىيە تەشكىلاتى” ئىچىدە رادىكال كۈچلەرگە قارىغاندا، تېنىچلىق پەرۋەرلەر ئاساسىي ئېقىمنى ئىگىلەيتى. بىرلىرى ئىرلاندىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ۋە ئاپتونومىيىلىك قانۇنلارغا تايىنىپ ھەق – ھوقۇقىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك، دىسە، بىرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىزانلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئىرلاندىيىنىڭ تەقدىرىنى تېنىچ ھەل قىلىش كېرەك، دەيتى. يەنە بىرلىرى قوپۇپ، خەلقارا ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ جامائەت پىكرى ئارقىلىق بىرىتانىيە ئىمپىرىيىسىگە بېسىم ئىشلىتىپ، مۇستەقىللىق ۋىسالىمىزغا يېتىشىمىز كېرەك دەيتى. مەن بۇ تەشكىلاتتا بەش يىل ئاكتىپ خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا، تېنىچلىق يولىنى تاللىۋالغان بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىرىمىزنىڭ مەدەنىي ئىنقىلاپلىرىدىن بىرەر نەتىجە ھاسىل بولغانلىقىنى كۆرمىدىم. ئۇلارنىڭ تايانماقچى بولغانلىرى بەلكىم 3000 –يىللاردا ھىممەت كۆرسىتەلەيدىغان سەۋىيە ۋە كۈچكە ئېرىشەلەيدىغان ئورگانلار بولسا كېرەك. 20 – ئەسىر، 21 – ئەسىرلەر كاستىيۇم، بۇرۇلكا بىلەن ئىنقىلاپ قىلىش دەۋرى ئەسلا ئەمەسكەن.

خانىملار، ئەپەندىلەر،

دادام كاناي راكىغا گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ ئوغلۇم، مەن سېنىڭ نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىڭدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئەمەس. سەن ئەركىن ئىرلاندىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىنى تاللاپسەن. ئەسلىدە سەن، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان ياش – قورامدىكى بىر بالىسەن. تېخى ئەمدىلا 20 گە كىرگەن ئىدىڭ. جان بىلەن ئوينىشىدىغان بۇ يولدىن سېنى توسۇپ قېلىشقا ۋىجدانىم ئۇنىمىدى. ماڭا ئوخشاش پۈتۈن ئۆمرىنى مۆئمىن قۇلدەك شۈكرى – قانائەت بىلەن ئۆتكۈزگەن نامرات بىر ئىنسان بولۇپ خارلىق ئىچىدە ياشاشتىن، ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلغان بىر قەھرىمان بولۇپ ئۆلۈپ كېتىش ئەلۋەتتە شەرەپلىك. ئىرلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ھەممە ئاتا – ئانا خالايدۇ. ئەمما بۇ يولدا بەدەل تۆلىگۈچىنىڭ ئۆز پەرزەنتى بولۇشىنى كۆپ ئاتا -ئانىلار خالىمايدۇ. ئاتا – ئانا ئۈچۈن پەرزەنت ئەنە شۇنداق قەدىرلىك. بىراق، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى تارتىۋاتقان ئازاپ – ئوقۇبەتلىرى كۈندە مىڭ قېتىم كۆزىگە تىقىپ تۇرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ياشايدىغان غۇرۇرى يەنچىلگەن ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تېخىمۇ غۇرۇرسىز، تېخىمۇ بەختسىز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا، ئۆزۈمنى ئۇ سەپكە قوشقۇم كەلمىدى. مەن سەندىن رازى. ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلۈش نەقەدەر ئىپتىخارلىق – ھە؟

دادامنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنلىكىم ھاياتىمدىكى ئەڭ زور بايلىققا، مەدەتكە ئېرىشكەنلىكىم بولدى. ئولتۇرسا – قوپسا « ئېنگىلىزلارغا قارشى تۇرۇپ پايدا ئالغىلى بولمايدۇ. ئېنگىلىزلار ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك قەۋمنىڭ بىرى. ئەسكىرى قۇۋۋەت، مالىيە قۇۋۋىتىدە تەڭداشسىز بىر خەلق. ئەخمەق ئادەملا تۇخۇمنى تاشقا ئۇرىدۇ» دەيدىغان دادام بىلەن سەكرات ئالدىدىكى دادام بىر بىرىگە زادىلا پەقەتلا ئوخشىمايتتى.

ئەسلىدە، مۆئمىن سىياقىدىكى بىچارە دادىلىرىمىز، قۇل سۈپەت مەزلۇم ئانىلىرىمىز مۇستەملىكىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ روھى سۇنغان ئەرۋاھلارغا ئايلىنىپ قالغاندەك قىلسىمۇ، قەلبىنىڭ چۇڭقۇرىغا كۆمۈپ قويغان ھۆرلۈككە بولغان تەشنالىق، زۇلۇمغا بولغان غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى پەقەت ۋە پەقەت پەرزەنتلىرىنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈنلا يوشۇرۇپ ياشايدىكەن. قارىماققا، بۈيۈك بىرىتانىيىنىڭ ئەمىر –پەرمانلىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن بوي سۇنىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن بۈيۈكلىرىمىزنىڭ يۈرىكىدە، ئاخىرقى نەپسىگىچە ئىچكىي قارشىلىقلار لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرىدىكەن. ئەمما ئۆزلىرى ۋەتەن ئۈچۈن جان بېرىشكە پېتىنالمىغاننى ئاز دەپ، پەرزەنتلىرىنىڭمۇ بۇ يولدا بەدەل تۆلىشىنى خالىماسلىقى نېمە دېگەن ئېچىنارلىق – ھە؟

Share
2097 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.