logo

trugen jacn

ئەرزدار: زوراۋانلىق يولىغا مەجبۇرلاندىم، لېكىن ماڭمىدىم

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يوپۇرغا بايئاۋاتلىق ئەرزدار ئۆمەر روزى، ئۆزىنىڭ 3 يىلدىن بۇيان دائىرىلەر تەرىپىدىن زوراۋانلىق يولىغا ۋاسىتىلىك ھالدا مەجبۇرلانغانلىقىنى، لېكىن ئۇ يولغا ماڭمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇ بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە دائىرىلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ كېسەلچان دادىسىغا تىل سالغان ۋە دادىسىنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان. يەنە ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ يۇرتىدىكى مەزگىلدە يېزىنىڭ بىر ساقچى خادىمى ئۇنى تىغ كۆتۈرۈپ ساقچىخانىغا كېلىشكە ۋە ساقچىخانىنىڭ دەرۋازىسىنى چېقىشقا دەۋەت قىلغان ۋە شۇندىلا ئۇنىڭ ئەرزىنىڭ تولۇق ۋە تېز ھەل بولىدىغانلىقىنى ئېسىغا سالغان. ئۇ ئۆزىگە مەسخىرە تەلەپپۇزىدا دېيىلگەن يۇقىرىقى سۆز ۋە دادىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى، ئۆزىنى چوڭراق بىر ئىش چىقىرىشقا قۇترىتىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەر روزىنىڭ قارىشىچە، تۆۋەندىكى دائىرىلەر مەسىلىنى چوڭايتىپ ئۇنى قانۇنىي جەھەتتىن تېز ۋە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنغان.

ئەرزدار ئۆمەر روزى ئالدىنقى يىلى بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە، يەرلىك دائىرىلەر ئۇنى داۋادىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ كېسەلچان دادىسىغا بېسىم ئىشلەتكەن. ئەجەبلىنەرلىكى، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ كومپارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتى، ئۇنىڭغا ئىمتىياز ئاتا قىلغان ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ گۇناھكارلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولغان.

دەۋاگەر ئۆمەر روزى تارتىۋېلىنغان سالاھىيەت كىنىشكىسىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، ساقچىخانىغا بارغىنىدا، كۈتۈلمىگەن بىر جاۋابقا ئېرىشكەن، نۆۋەتچى خادىم، ئۇنىڭغا سالاھىيەت كىنىشكىسىنى بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، ئەگەر تىغ كۆتۈرۈپ كېلىپ، ساقچىخانا دەرۋازىسىنى چاقسا، ھەممە ئىشنىڭ تەڭلا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاي تەرەپ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇلغىيىۋاتقان مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىمەكتە، ئەمما مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر زوراۋانلىق يولىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تاللىۋالغان ئەمەس، بەلكى مەجبۇرلانغان يول ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. يەنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ سىياسىتىدىكى ئادالەتسىزلىك ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بۇ سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى زوراۋانلىقلىرى، ئۇيغۇر مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ زورلۇق شەكلىدە داۋام قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. يوپۇرغا بايئاۋاتلىق ئەرزدار ئۆمەر روزىنىڭ يۇقىرىقى كەچمىشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مەزكۇر پىكرىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-erzdar-02102015144323.html

Share
1506 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.