logo

trugen jacn

ئەردوغان: 40 يىللىق سىياسىي ھاياتىمنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلى ئىدى

 

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، سىياسىي ھاياتىدىكى قيىن ئۆتكەللەر، تاشقى دۇنيانىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ئەيىبلەشلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيەسى قاتارلىق كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دادىللىق بىلەن ئىپادە بىلدۈردى.

 

ئەردوغان: 40 يىللىق سىياسىي ھاياتىمنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلى ئىدى

 جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلۈم جازاسىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى مەۋجۇدىيىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «دېموكراتىك تۈزۈملەردە سۆز خەلققە ئائىتتۇر. بىزنىڭ خەلقىمىز ئۆلۈم جازاسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى تەلەپ قىلماقتا، بۇنى كۆرمەسكە سالالمايمىز. پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتسە مەنمۇ ماقۇللايمەن. ئۆز ئالدىمغا قارار قىلمايمەن، بۇ بىر پادىشاھلىق ئەمەس» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيەنىڭ ARD تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پارالېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئىشلارغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىڭىزنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلى بۇمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋابەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچقانداق بىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ بۇ شەكىلدە مەيدانغا كەلمىگەنلىكىنى، ئايروپىلانلاردىن بومبا تاشلاپ قىلىنغان بىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئۇچراتمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا «40 يىللىق سىياسىي ھاياتىمنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلى ئىدى» دېدى.

«بۇ ھەرىكەتكە قارشى ناھايىتى ياخشى تەييارلىق قىلغاندەك كۆرۈنىسىز» دېگەن ئانالىزغا بولسا، بۇ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ 30 – 40 يىللىق تەييارلىق ئۆتمۈشى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، ئەدلىيە ۋە ساقچى تەشكىلاتىدا كىملەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە 14 يىللىق ھاكىمىيەت باشقۇرۇش مۇساپىسى بويىچە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى ۋە گۇماندارلارنىڭ ئېتىراپلىرىغىمۇ شاھىت بولغانلىقىنى ئېيتتى.

نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان نازارەت ئاستىغا ئېلىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇلار (نازارەتكە ئېلىش ۋە تۇتقۇن قىلىش) نى قانۇنسىز، دەپ ئىزاھلاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە بولۇپمۇ، مائارىپ ساھەسىدە ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغانلارنىڭ ئورنىغا سۈرئەت بىلەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق بىر بوشلۇقنىڭ ھاسىل بولۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەتنىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى باستۇرغانلىقىنى ئەسكەتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «تولۇق تۈگىدى، دېگىلى بولمايدۇ، بۇشاڭلىق قىلماسلىق كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى بىلەن ئۇنىڭ رەھبىرى فەتھۇللاھ گۈلەنگە مۇناسىۋەتلىك ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈشلەر سايىسىدا ناھايىتى ياخشى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنغۇچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن كېچىسى بۇ كىشىنى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە تىرىشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

جىددىي ھالەتنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا فىرانسىيەدىمۇ ئۈچ ئايلىق – ئۇچ ئايلىقتىن جىددىي ھالەت تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، «بىز دۆلەتكە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى (جىددىي ھالەت) ئېلان قىلدۇق. زۆرۈرىيەت توغۇلسا ئۇزارتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ياۋروپالىق ئەمەلدارلارنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا سەرپ قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىدىغان ياردەم مەسىلىسىدە پەقەت سىمۋول خاراكتېرلىك قەدەم تاشلىشىنى ئەيىبلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ پوزىتسىيەنىڭ سەمىمىي ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، «بىز مۇساپىرلار مەسىلىسىدە بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرىمىز. دۆلىتىمىزدە نۆۋەتتە 3 مىليونغا يېقىن كىشى (مۇساپىر) بار. بىز بۇلارنى قويۇۋەتكەن بولساق، غەرب قانداق قىلاتتى؟ بۇلار ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان، ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس، مۇساپىرلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان پۇل قەيەردە؟ دەپ سورىدى.

ۋىزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇساپىرلارنى قايتا قوبۇل قىلىش دائىرىسىدە بۇنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكىنى، لېكىن، بۇ ۋەدىگىمۇ ۋاپا قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ARD تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى دەۋالىرىغا رەددىيە قايتۇرغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەكسىچە ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ، تاشقى پىرىۋوت زاپىسىنىڭ، ئېكسپورتقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ۋە ساياھەت كىرىملىرىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلگە ۋە كۆپ ساندىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتىگە سېلىشتۇرغاندا، كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرىنىڭ، جەمئىيەتتە قۇتۇبلىشىشنىڭ پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋاسىغا بولسا،  «بۇنى نېمىگە ئاساسەن دېگەنلىكىنى چۈشىنەلمەيۋاتىمەن. بارلىق ئېتىك گۇرۇپپىلىرى بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل تۈركىيە خەلقىنىڭ مەيدانلاردا دېموكراتىيەگە ئىگە چىققانلىقىنى، جۇمھۇرىيەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن كوچىلارغا چىققانلىقىنى كۆرمەيۋاتامسىز؟ مېدىيا دۇرۇس بولۇشى كېرەك؟» دېگەن سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. نارازىلىق بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بارلىق تەرەپلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ بۇ مۇساپىدىن تېخىمۇ كۈچلەنگەن ھالدا چىقىدىغانلىقىنى بىلىشىنى خالايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردىن قايغۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىلەن ئىسلام كەلىمىسىنى يانمۇيان قويماسلىق كېرەكلىكىنى ئالاھىدە قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە قوشقان تۆھپىسىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا تۈركىيەنىڭ ئەسلىدىلا بۇ كۈرەشنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «مەن مۇسۇلمانمەن، خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان بولغان بىر دۆلەتنىڭ جۇمھۇر رەئىسىمەن. 40 يىلدىن بۇيان تېررورنىڭ كۈلپىتىنى تارتقان بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرىمەن. PKK، PYD ۋە دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز. مەن بۇ تېررورچىلارنى تەلەپ قىلغىنىمدا، مېركېل ‹ئەدلىيە مۇساپىسى داۋاملىشىۋاتىدۇ› دەيدۇ. ھالبۇكى، تېرروردا تىل، دىن، ئىرق ئايرىلماسلىقى كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
724 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.