logo

trugen jacn
05 فېۋرال 2014

ئەردوغان گېرمانىيەدە

Erdoğanتۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن گېرمانىيەگە ماڭدى.

زىيارەت پىروگراممىسى بۈگۈن باشلىنىدىغان ئەردوغاننى تۈنۈگۈن كەچتە بېرلىندا نۇرغۇن كىشىلەر قىزغىن كۈتۈۋالدى.

ئەردوغاننى كۈتۈۋالغۇچىلار ئارىسىدا سۈرىيەلىكلەردىن سىرت، مىسىر ۋە پەلەستىنلىكلەرمۇ بار ئىدى.

باش مىنىستىر ئەردوغان چۈشكەن مېھمانسارايدا بىر قىسىم كىشىلەرنى قوبۇل قىلدى.

گېرمانىيەدىكى ھەر قايسى تۈرك جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان ئەردوغانغا قىيىنچىلىقلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئۇچرىشىشتىن خوشاللىق بىلەن ئايرىلدى.

باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ بۈگۈنكى زىيارەت پىروگراممىسىنىڭ ئىنتايىن زىچ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باش مىنىستىر ئەردوغان گېرمانىيە تاشقى سىياسەت ئىنستىتۇتىدا «21-ئەسىردە تۈركىيە، ياۋروپا ۋە دۇنيا» تېمىسىدا لېكسىيە بېرىدۇ.

ئەردوغان ئارقىدىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن خىزمەت زىياپىتىدە بىرگە بولىدۇ.

باش مىنىستىر ئەردوغان ئانگېلا مېركېلدىن تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدىكى يەنە بىر مۇھىم ماددا بولسا سۈرىيە مەسىلىسىدۇر.

باش مىنىستىر ئەردوغان گېرمانىيەدە داۋاملىشىدىغان ۋە 2-قېتىملىق جەنۋە يىغىنىدىن كېيىن تاشلىنىشى كېرەك بولغان قەدەملەرنى مېركېلغا بايان قىلىدۇ.

زىيارەتتە گېرمانىيەدىكى كۆچمەن تۈركلەرنىڭ مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرىگە قويۇلىدۇ. تۈركىيە ئەڭ كۆپ تۈرك كۆچمەن ياشايدىغان گېرمانىيەدىن تۈرك كۆچمەنلەر ئۈچۈن قولايلىق شارائىت تەييارلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن باش مىنىستىر ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىتېيمېيىر، گېرمانىيە ئىقتىسادى ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى گابرىيىلنى قوبۇل قىلىدۇ.

ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدىغان ئەردوغانغا تۈرك كۆچمەنلەر قىيىنچىلىقلىرىنى يەتكۈزىدۇ.

Share
2047 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.