logo

trugen jacn

ئەردوغان شى جىنپىڭغا «شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق كۈچلىرى» گە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيە 19‏-ئاپرېل كۈنى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تېلېفوندا سۆزلەشكەن. ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق كۈچلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى»، ئۇلارنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن

ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭنىڭ تېلېفوندا سۆزلىشىشى دەل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. ئەردوغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تېلېفون ئارقىلىق يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان

ھالبۇكى، تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئەردوغاننىڭ يۇقىرىقى سۆزى تىلغا ئېلىنمىدى. «ساباھ»، «يېڭى شەپەق» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، سۈرىيە ۋەزىيىتى، خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى تەكىتلەنگەن

لېكىن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئەردوغاننىڭ «تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق تېررورلۇق كۈچلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ»، تۈركىيە «بۇ كۈچلەرنىڭ خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ،» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. تۈركىيەدىكى بەزى پائالىيەتچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئەردوغاننىڭ ھېچ بولمىسا ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نى تاقىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ «تېررورلۇق مەسىلىسى» نى تىلغا ئېلىشى ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، «ئۇيغۇر ئاخبارات تەتقىقات مەركىزى» نىڭ باشلىقى ھامىدخان كۆكتۈرك ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «تۈرك مىللىتىدە گەپ يوق، لېكىن تۈرك مىللىتى سايلىغان ھۆكۈمەتلەر ھېچ بولمىسا ئىنسانىي ھوقۇقلارنىمۇ بولسىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلسۇن. مۇشۇنداق خەۋەرلەر بار، غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭغا پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتىدۇ. بىزنىڭ خەلقىمىز بىزگە مۇشۇنداق بېسىم قىلىدۇ، نېمىشقا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە گەپ قىلمايسىلەر، دەپ. ھېچ بولمىسا بىزنىڭ بىر ھەيئەت بېرىپ شۇنى بىر كۆرۈپ كەلسە، بۇ سىلەرگىمۇ پايدىلىق، دەپ بۇ ئىشنى كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلسە ياخشى ئىدى. بۇ قىلالمايدىغان بولمايدىغان ئىش ئەمەس

ئەردوغان 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيادىكى بىردىن-بىر سىياسىي رەھبەر. لېكىن ئۇ خىتاينى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەندىن بۇيانقى 9 يىلدا خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتى داۋاملىق تەرەققىي قىلدى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلىشىپ ماڭدى

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەردوغاننىڭ سۆزى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلار خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى بىر كۆۋرۈك» دېگەن شوئارىنى تاشلاپ، خىتايغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، بۇ يول تۈركىيەنىڭ خىتاي-بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى ئۇلىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

نۇرى تۈركەل مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە خاتالىق ئۆتكۈزۈۋاتقان، خاتا سىياسەت تۇتۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەس، بەلكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئۇنىڭ سىياسىتىدە ناھايىتى روشەن ئىپادىلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار يوقىتىلىش نىشانى بولغان مىللەت. لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەسىلىنى بۇنداق كۆرمەيۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە خىتاي خاتا سىياسىتىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خاتا يۆلىنىشكە باشلىشىغا ئەگىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى ئۇلىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتىدۇ

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا يول قويۇشى خىتاينىڭ قولىنىڭ ئۇزىرىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالالايدىغان بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرمەكتىكەن

نۇرى تۈركەل يەنە مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەسلىدە ئابدۇللا گۈلنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مىنىستىرلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ۋاقىتلاردىكىدەك ‹خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ساغلام بولۇشىدا ئۇيغۇرلار كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ› دېگەن پوزىتسىيەدە تۇرۇپ بۇنى داۋاملاشتۇرغان، ئۈرۈمچىگە بارغان ۋاقتىدىكىدەك مۇكەممەل ۋە مۇستەھكەم تۇرۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە ‹بۇلارنىڭ ئارقىسىدا بىر كۈچ بار، سەن بۇلار بىلەن ياخشى ئۆتسەڭ، بۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلساڭ، سەن بىز بىز تىجارىي، ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئىش بىرلىكى ئېلىپ بارالايمىز› دېگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقىدەك تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يولسىز تەلەپلەرنى قويالمايتتى. ھازىر خىتايلارغا يول قويۇشنىڭ بەدىلىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئەردوغان ھاكىمىيىتىنىڭ قولى ئارقىلىق بېسىم قىلالايدىغان، تۈرمىگە تاشلىيالايدىغان، بەزىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر مۇھىتنى ياراتتى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 20‏-ئاپرېل ئېلان قىلغان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، «شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، دىنىي ئاز سانلىقلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغانلىقى، ئېتنىك ئاساسىدىكى چەكلىمە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى، پاسپورت ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر رايونىدا تەقىب قىلىش ۋە قوراللىق ساقچىلارنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، يېڭى قانۇنلارنىڭ چىقىرىلىپ، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئىبادەت چەكلەنگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن

20‏-ئاپىرىل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون سۇلىۋان، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىل بولماسلىقى، مۇستەقىل ئادۋوكاتلارنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى ۋە ئۇچۇرنىڭ قاتتىق قامال قىلىنىشىدەك ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىشىغا توسالغۇ بولماقتا. بىز بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ مىللىي، دىنى ۋە تىل-يېزىق ئەركىنلىكىنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلماقتىمىز

ھامىدخان كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ يېقىنلىشىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە سىياسىي سەھنىسىگە كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە تەسىر قىلماقتا ئىكەن. ئۇ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ھامىدخان كۆكتۈرك مۇنداق دېدى: «ئەمدى خىتاي تۈركىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىدىن ناھايىتى ئوبدان پايدىلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بۇرۇن ھېچ بولمىسا، ئايدا بىر ياكى ئىككى قېتىم خەلق ۋەكىللىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قوياتتى. بۇ، مەسىلىنىڭ بىزنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرىۋاتقان بىر تەرىپى.»

ئەردوغان ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ خىتاي زىيارىتىنى ئۈرۈمچىدىن باشلىغان ۋە ئۈرۈمچىدە جامائەت بىلەن جۈمە نامىزىغا قاتناشقان تۇنجى چەتئەل رەھبىرى ئىدى. ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەردوغان ھۆكۈمىتى دەسلەپكى يىللاردا «ئۇيغۇرلار تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك» دېگەن پىكىرنى «ياخشى نىيەت» بىلەن باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۇنىڭغا ياخشى نىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلمىغان

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ ئىشلىتىدىغان بىر سۆز بار، ئىككى خاتالىق بىر توغرىنى ئوتتۇرىغا چىقارمايدۇ، دېگەن. ئەردوغان ئۆز ۋاقتىدا ‹ئۇيغۇرلار خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ،› دېگەن. مەسىلىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تۈرك ۋەتەنداشلىرىنىڭ بېرىپ تىجارەت قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە بېرىشىغا تۈركىيە ھۆكۈمىتىدە ياخشى نىيەت بولغان، دەپ قارايمەن. لېكىن خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنى كېيىنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى چاچىدىغان ئامىل، دەپ چۈشەندى. چۈنكى، خىتاي ئىدېئولوگىيىلىك تۈۋرۈكنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئىدېئولوگىيە تەرغىب قىلىشى مۇمكىنچىلىكى بار، دېگەن شەخسلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاۋاتىدۇ

ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەندە شى جىنپىڭ خىتاي-تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى مۇقىم راۋاجلانغانلىقى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ سىجىل راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ئىككى تەرەپ «ئۆز-ئارا ئىستراتېگىيىلىك ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، بىر-بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساس قىلىشى كېرەك،» دېگەن

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/erdoghan-shijinping-04242018215725.html

Share
1565 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.