logo

trugen jacn

ئەردوغان ب د ت دىكى نۇتقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان

Erdoğan BM konuşması ile ilgili görsel sonucu

24-سېنتەبىر كۈنى ب د ت نىڭ نيو-يوركتىكى باش شتابىدا ئېچىلغان 74-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا تۈركىيە ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى سۈرىيە، پەلەستىن، كەشمىر ۋە روھىڭگا مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۇلارنىڭ سۆز تېمىسىدىن ئورۇن ئالالمىغان.

يىغىندا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان سۈرىيە خەلقىنىڭ نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان كرىزىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكانىڭ ھەمكارلىقىدا تۈركىيەنىڭ چېگراسىدا بىر «بىخەتەر رايون» قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى ئۆز قوينىغا ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

شۇ قاتاردا يەنە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان. 

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كەشمىر ۋە روھىڭگا مەسىلىسىمۇ تۈركىيە ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئالاھىدە بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن. 

ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن «تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان قىرغىنچىلىق» دېيىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خەلقئارا جەمئىيەت ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەش ھەققىدە چاقىرىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ئىقتىسادتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بۇلارنىڭ ئېغىزىنى پېچەتلەپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىسلام دۆلەتلىرى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنماسلىقى ھەققىدە سۆز قىلغان ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ قەرز پۇل ۋە ئىقتىسادىي نەپ بېرىش ئارقىلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/erdoghan-09252019193259.html
Share
5596 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.