ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ۋەقە رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇش نىشان قىلىنغان ئىغۋاگەرلىكتۇر. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە رۇسىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېدى.
ئەردوغان پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون ئۇچرىشىشىدىمۇ ۋەقەنىڭ ئىغۋاگەرلىك ئىكەنلىكى ۋە خەلقئارالىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى ھەمدە كارلوۋنىڭ دىپلوماتلار ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
كارلوۋنىڭ مېيىتىنىڭ رۇسىيەدىن كېلىدىغان مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن دۆلىتىگە يوللىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ۋەقەنى ئورتاق تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس نەق مەيداندا ئېلان قىلغان باياناتىنى ھەم رۇسىيە ھەم تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن تاماملىدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER