logo

trugen jacn

ئەردوغان بىلەن پۇتىن پېتېرسبۇرگدا كۆرۈشىدۇ

 

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 9 – ئاۋغۇست رۇسىيەنىڭ پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە كۆرۈشىدۇ

ئەردوغان بىلەن پۇتىن پېتېرسبۇرگدا كۆرۈشىدۇ

 ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى بىلەن پايتەخت موسكۋادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋر باشلانغاندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشىدىغان تۇنجى ئۇچرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئاركادى دۋوركوۋىچ كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 9 – ئاۋغۇست پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋە 24 – نويابىردىن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى خالايمىز» دېدى.

24 – نويابىر تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن يىرىكلەشكەن تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئۆزئارا قىلىشقان ئالاقىلىرى، ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ سوچىدا ئېچىلغان قارا دېڭىز ئىقتىساد ھەمكارلىق يىغىنىدا كۆرۈشۈشى بىلەن نورماللىشىش باسقۇچىغا كىرگەن ئىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1232 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.