logo

trugen jacn

ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى: «ساقچىلار ئۆيۈمنى ئاختۇرۇپ قۇرئان كەرىم ۋە رومانلىرىمنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندىن بۇيان رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ساقچى خادىملىرى ئۇيغۇر ئېلىدا تونۇلغان، ھازىر قەشقەردە ياشاۋاتقان ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ئۆيىنى ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئىككى قېتىم كېلىپ ئاختۇرۇپ، قۇرئان كەرىم قاتارلىق دىنىي كىتابلارنى ۋە ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئاپتورنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «جۇدالىق»، «مىرزا ئابەكرى»، «سۇلتان سەئىدخان» ۋە «سۇلتان ئابدۇرەشىتخان» قاتارلىق بەش پارچە رومانىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچ» لەر قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ئالدى بىلەن، ئىدېئولوگىيە جەھەتتە مەسىلە بار قارالغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىلگىرى نەشر قىلىنغان بىر قىسىم رومانلىرى ئۈستىدە قايتىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ھازىر قەشقەر شەھىرىدە ياشاۋاتقان يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن 80 ياشلىق شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئۆز ئۆيىنىڭ يېقىندا قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئىككى نەپەر خادىمى تەرىپىدىن ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئىككى قېتىم ئاختۇرۇلۇپ، ئىلگىرى نەشر قىلىنغان «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «جۇدالىق»، «مىرزا ئابەكرى»، «سۇلتان سەئىدخان» ۋە «سۇلتان ئابدۇرەشىتخان» قاتارلىق بەش پارچە رومانىنىڭ ۋە شۇنداقلا قۇرئان كەرىم قاتارلىق دىنىي كىتابلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن، قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ،بىراق ساقچىلار بۇ ئىشتىن ئۆزلىرىنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە توختىلىشنى رەت قىلدى ۋە بىزنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتە قىلىشىمىزنى جېكىلىدى.

بىز قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكى ساقچى خانىم تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. بىراق، ئۆزىنى ئىشخانا مۇدىرى دەپ تونۇشتۇرغان بىر نەپەر خىتاي خادىم بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا ئۆزىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:«بۇ مەسىلە نازۇك مەسىلە، بۇنى ئەڭ ياخشى سىز ج خ ئىدارىسىدىن سوراڭ. مەن سىزگە بۇ ھەقتە قالايمىقان جاۋاب بېرەلمەيمەن» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا تونۇلغان ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، 1959-يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «يەرلىك مىللەتچى»، «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى قۇردى» دېگەن سىياسىي قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ، 1972-يىلىغىچە تۈرمىگە 13 يىل قامالغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ «ئەكسىلئىنقىلابچى» دېگەن قالپاق بىلەن بىلەن يەتتە يىل نەزەربەند ئاستىدا ياشاپ، كېيىن قەشقەر شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپكە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئورۇنلاشقان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن.

شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئەينى يىللاردا «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» ناملىق مەشھۇر شېئىرى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/haji-mirzahid-kerimi-06202017144839.html

Share
1015 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.