logo

trugen jacn

ئەخمەت ئىسلامغا تەبلىغ سۆزلىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆلۈم ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىزنىڭ زاڭگۇي يېزىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا مەزكۇر يېزىدا ئەخمەت ئىسلام ئىسىملىك بىر تۇتقۇننىڭ بولغانلىقى دەلىللەندى. ساقچى ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەخمەت ئىسلام ھەققىدە بەرگەن ئۇچۇرلىرىدىن ئۇنىڭغا ئۇنىڭغا يېنىك بولغاندا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلقى «قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى» دا كېسىۋېتىلگەنلەر ئارىسىدا ئاكتىپ ۋە شىددەتلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قېتىلغانلار يوق دېيەرلىك. تۇتقۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى يېقىنقى 15 يىل ئىچىدە بىلىپ-بىلمەي تەبلىغ پائالىيەتلىرىگە قېتىلىپ قالغان ۋە تېلېفونىدىن مەسىلە كۆرۈلگەنلەر ئىكەن. ھازىرغىچە ئىگىلەنگەن مەلۇماتلاردا بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 10 يىللىقتىن ئارتۇق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئەڭ ئېغىر جازالانغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى ئېنىقسىز ئىدى. ئۆتكەن ئايدا گۇما ناھىيىسىنىڭ پىيالما يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى زاڭگۇي يېزىسىدىكى ئەخمەت ئىسلام ئىسىملىك بىر تۇتقۇنغا تەبلىغ سۆزلىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى جازا ھۆكۈملىرى ئىچىدە تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە چېتىلغانلارغا، چېتىلىش دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك بولۇشى ۋە ياكى ۋەقەدە ئالغان رولىنىڭ قانچىلىك بۆلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولار كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما شىددەت ھەرىكەتلىرىگە چېتىلمىغانلار ئارىسىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر تېخى ئاشكارىلانمىغان ئىدى. شۇڭا بىز مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن زاڭگۇي يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق. دەسلەپتە تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىمى زاڭگۇيدا ئەخمەت ئىسلام ئىسىملىك بىر تۇتقۇننىڭ بولغانلىقىنى دەلىللىدى، ئەمما دېلونىڭ تەپسىلاتىدىن مەلۇمات بېرەلمىدى. باشقا ئالاقىدار خادىملارمۇ ئەخمەت ئىسلامغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى دەلىللىگۈدەك ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەخمەت ئىسلام دېلوسىنى ئىنكار قىلمىدى.

ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەخمەت ئىسلام زاڭگۇي يېزىسىنىڭ 6‏-كەنت ئەزاسى. بۇ يىل 40 ياشنىڭ ئۈستىدە بولغان ئەخمەت ئىسلام، 3 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى؛ ئۇنىڭ ئۈستىدىن جازا ھۆكۈمى چىقىرىلغانلىقى ھەققىدە، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى يىغىنىدا مەلۇمات بېرىلگەن.

پىيالىمادىكى بىر كەنت سېكرېتارى ئەخمەت ئىسلامغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئالدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tebligh-sozligenge-olum-jazasi-12082017234823.html

Share
1493 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.