logo

trugen jacn

ئەجدىھا تىرنىقى ئاستىدىكى قىزلار

مەنبە:
ئانىلار تورى

نەۋباھار
رەسىمگە قاراپ ئولتۇرۇپ بىلگە خاقاننىڭ مۇنۇ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىدى: ئەي تۈرك مىللىتى، ئەسلىڭگە قايت ۋە پۇشمان قىل. ئىسيانكارلىقىڭ سەۋەبىدىن سېنى بېقىۋاتقان بىلگە قاغانغا قۇدرەت تاپقان دۆلىتىڭگە ئۆزۈڭ ئۇتتۇرۇپ قويدۇڭ، يامانلىق قىلدىڭ.
بارغانلىكى يەرلەردە قانلار سۇ بولۇپ ئاقتى، سۆڭەكلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتتى. باي، تۆرە بولۇشقا لايىق ئەركەكلەر ئەۋلاتلىرىڭلارنى قۇل قىلدىڭلار. مەلىكە بولۇشقا لايىق قىز -چوكانلىرىڭلارنى چۆرە، دېدەك قىلدىڭلار. بىلمەسلىكىڭلار سەۋەبىدىن ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ بىقوۋۇللىقى تۈپەيلىدىن تاغام قاغان ۋاپات بولدى.
بىر زامانلار خانىش تاجىنى كىيگەن، خاتۇن مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن، پۇجۇڭ خېنىملار ياشاپ ئۆتكەنىدى. كېيىن شۇ قىز چوكانلار ھاكىمىيەت ئالمىشىشى ياكى ياۋلارنىڭ ئىشغالىيىتى بىلەن غۇرۇرى ۋە نازاكىتىنى تاشلاپ تاجۇ تەختلىرىدىن ئايرىلىشقا ۋە دۈشمەنگە بوي سۇنۇشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ، قانچىلىغان تاغلار يىمىرىلىپ، كۆللەر قۇرۇپ، قانچىلىغان باشلار كېسىلسىمۇ ھاياتلىق يەنىلا داۋام قىلماقتا ئىدى.
تەتۈر قۇيۇن جاھانغا باقمايتتى، بار كۈچى بىلەن ئالەمدىكى مەخلۇقاتلارنى كۈيىكاپ ئاغزىغا سۆرەيتتى. سائەت ئىستىرىلكىسى تېز سۈرئەتتە دەۋرىيلىنىۋاتاتتى.
بىر زامانلار كەڭرى كەتكەن مىۋىلىك باغلاردا ئېتىكىگە دوستلىرى بىلەن يېگەن كىشمىش ئۆرۈكنىڭ ئۈشكىسى بىلەن تاش تەرمەك ئويناۋاتقان غۇنچە بويلۇق، سۇمبۇل چاچلىق قىزلار ئۆتكەن. بىر زامانلار بەل پۈرۈملۈك گۈللۈك چىت كۆينەكلىرىنىڭ ئېتەكلىرىنى لەپىلدىتىپ، قۇدۇق بېشىدىن چىغىر يوللارنى بېسىپ ئېتىزدىكى دادىسىغا قېتىق توشۇۋاتقان لاتاپەت ساھىبى قىزلار ئۆتكەن.
قىزلارنىڭ مۇھەببەتلىك يۈرىكى سۆيگىنى ئۈچۈن تەلپۈنەتتى، ۋىسال قۇچۇش ئۈچۈن پۇچۇلىناتتى. يىگىتلەردە شىرىننىڭ ۋەسلىگە يەتمەك ئۈچۈن ئۆزىنى چۆلدە كۆرگىدەك زەبەردەستلىك بارىدى.
بىردىن ئۇيقۇدا ياتقان ئەجدىھا ئويغىنىشقا باشلىدى ۋە ئەتراپقا نەزەر سېلىپ، نەزىرىنى بۇ ۋادىغا ئاغدۇردى. شۇندىن ئېتىبارەن بۇ ۋادىدا تەبىئەت ۋە ياشاش مۇھىتىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.
ئاھالىلەر ۋە ئات ئۇلاقلار سۇ ئىچىدىغان سۈزۈك بۇلاقلار بۇلغاندى؛ زامانلاردىن بېرى غەرپ شەرق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا رول ئويناپ كەلگەن كارۋانلارغا خىزمەت قىلىپ كەلگەن تۆگە ۋە ئاتلارنىڭ بوينىدىكى كولدۇرمىلار قايتا جىرىڭلىمىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا قارا ئىس چىقىرىپ كېتىۋاتقان تۆمۈر تاپانلىق پاراۋۇزلار كېچە ۋە كۈندۈز يەر تېگىدىكى مەدەنلەرنى شەرق تامان توشۇيتتى تاكى يەرنىڭ تېگى قۇرۇپ كەتكىچە. ئورمانلار كېسىلىپ، يارنى چىللاپ ئويغاتقان شۇ خورالارنىڭ زۇۋانى تۇتۇلغانىدى. ئەجدىھا دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرىدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەدەپ نەرە تارتاتتى.
بىردىنلا غۇبارسىز ياشاۋاتقان، ئەتلەس كۆينەكلىك ،قوي كۆزلۈك قىزلارغا ئەجدىھانىڭ تىرناقلىرى تەگدى ۋە ئانچە قىينالمايلا قىزلارنى رەزىل چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى. ئۇ ئەمدى ئالقىنىدىكى ئولجىنى قانداق يوقۇتۇپ، ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇكەممەل بىر پىلاننى سوقۇۋاتاتتى. قىزلارنىڭ قوش زىناقلىرىدىكى تېخى جىلۋىسى كەتمىگەن تەبەسسۈمى، ئەجدىھا تىرناقلىرى ئاستىدا مۇردىنىڭ يۈزىدە قېتىپ قالغان ئىپادىسىز مىمىكلارغا ئوخشاپ قالغانىدى. ئىمانى، نازاكىتى ۋە ئىپپىتىنى قوغداپ قېلىش ئۇلار ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم ئىدى. ئەگەر بۇ ئەجدىھاغا قارشىلىق كۆرسەتكىنىدە، قىزلارنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئاشۇ بىچارە ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە پۈتۈن ئەۋلاتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئاھۇ زارى، ئوت ئىچىدىكى قىينىلىشلىرى كۆز ئالدىغا كەلدى. ئىپپەت بىلەن ۋىجدان ئېلىشىۋاتاتتى. قىزلار تولغىناتتى، دۇنياغا ئىزتىراپ بىلەن باققان مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرى بىزنى خىجىل قىلاتتى. ياپراقتەك تىترىگەن ۋۇجۇدى ئىسيان بىلەن يۇلقۇناتتى. ئاللاھتىن، دۇنيادىن بىر خەيىر، بىر مۆجىزە تىلەيتتى.
ئەجدىھانىڭ ئويغۇنۇپ كېتىشىنى ھىچ خالىمىغان دۇنيا، قىزلارنىڭ نالىسىدىن چۆچۈپ بولسىمۇ ئېتىۋالغان كۆزلىرىنى ئېچىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى قىزلارنىڭ نالىسى سىرتقا ئاڭلانمايتتى. ئۇلارنىڭ نالىسىنى قىزلارنىڭ ئانىسىغا، ئاتىسىغا، مومىسىغا، بوۋىسىغا ۋە قېرىنداشلىرىغا ئوخشايدىغان، قوي كۆزلۈك، مىللىتىنىڭ مەنىسى “ئۇيۇشقاق” دەپ ئاتالغان بىزلا ئاڭلىتالايمىز. دۇنيا كۆزىنى ئاچسۇن، كۆزىنى ئاچسۇن دە ئەجدىھانىڭ ئالقىنىغا چۈشۈپ، ئۆلۈم گىرداۋىدا ياتقان شۇ قىزلارنى، ياۋۇز قامال ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يولغا چىقسۇن …

Share
1884 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.