logo

trugen jacn

ئەتەبەتۇلھەقايىق نىڭ گوللاندىيە نۇسخىسى تېپىلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم ئەسەر «ئەتەبەتۇلھەقايىق» نىڭ 7-نۇسخىسى گوللاندىيەدىكى گرونىنگەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدىن تېپىلغان.

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئەدىب ئەخمەت تەرىپىدىن يېزىلغان زور ھەجىملىك شېئىرىي ئەسەر «ئەتەبەتۇلھەقايىق» (ھەقىقەتلەر ئىشىكى) مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ھازىرغىچە مەزكۇر ئەسەرنىڭ 6 خىل قوليازمىسى تېپىلغان بولۇپ، 3 نۇسخىسى تولۇق، قالغان ئۈچ نۇسخىسى تولۇق بولمىغان نۇسخىلار ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى بولۇپ، ھازىر بۇ نۇسخا ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. ئىككىنچى نۇسخىسى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەب يېزىقى قۇرمۇ قۇرمۇ قىلىپ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى بولۇپ، ھازىر بۇ نۇسخىمۇ ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. ئۈچىنچى نۇسخا ئەرەب يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى بولۇپ، ھازىر ئىستانبۇلدىكى توپقاپى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق بولمىغان نۇسخىلىرى ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلانماقتا. مەزكۇر ئەسەرنىڭ يېقىندا تېپىلغان گوللاندىيەدىن تېپىلغان نۇسخىسى گرونىنگەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتىكەن. بىز مەزكۇر نۇسخا توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ نۇسخىنى تاپقان ئەرزۇرۇمدىكى ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور سەرقان چاقماق ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

«ئەتەبەتۇلھەقايىق» نىڭ يېڭى تېپىلغان گوللاندىيە نۇسخىسى توغرىسىدا سورىغان سوئالىمىزغا سەرقان چاقماق ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «‹ئەتەبەتۇلھەقايىق› ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ بۈگۈنگىچە تولۇق بولمىغان نۇسخىلىرىنىمۇ قوشقاندا جەمئىي 6 نۇسخىسى بارلىقىنى بىلەتتۇق. لېكىن گوللاندىيەدىكى گرونىنگەن ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدىن 7-نۇسخىسىنىمۇ تاپتۇق. بۇ نۇسخا ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى ھازىرغىچە تېپىلغان نۇسخىلىرى ئىچىدە بۇنى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دەپ قارايمەن. بۇ نۇسخىسىنىڭ ھىجرىيە 799-يىلىدا، يەنى مىلادى 1396-1397-يىللىرىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىۋاتىمىز.»

«بۇ نۇسخا بۇرۇنقى نۇسخىلارغا سېلىشتۇرغاندا قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟» دېگەن سوئالىمىزغا دوكتور سەرقان چاقماق ئەپەندى مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بۇرۇنقى نۇسخىلارنىڭ ھەر پاراگرافىنىڭ بېشىدا ‹نەۋ› سۆزى بار ئىدى، بۇ نۇسخىدا ئەرەبچە ‹باب› سۆزى ئىشلىتىلگەن. يەنە بىر خۇسۇسىيىتى شۇكى، داڭلىق تۈركولوگ رەشىت رەھمەتى ئارات مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىسمىنى ‹ئەتەبەتۇلھەقايىق› دەپ ئوقۇغان ئىدى. بۇ ئەسەر ھازىرغىچە بۇ ئىسىم بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئەمما داڭلىق تارىخچى مەھمەت فۇئات كۆپرۈلۈ ئەپەندى بولسا ئەسەرنىڭ ئىسمىنىڭ ‹ئايبەتۇلھاقايىق› بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. گوللاندىيەدىن مەن تاپقان نۇسخىسىنىڭ ئىسمى مەھمەت فۇئات كۆپرۈلۈ ئۇستازىمىز دېگەندەك ‹ئايبەتۇلھاقايىق› ئىكەن. »

سەرقان چاقماق ئەپەندى «سىز ئەسەرنىڭ ئىككى خىل ئىسمى بارلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتىڭىز، سىزچە قايسىسى توغرا؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «‹ئەتەبەتۇلھەقايىق› نىڭ ئىسمى توغرىسىدا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بۇ توغرىلىق ئەڭ توغرا كۆز قاراشنى ئەخمەت جافەرئوغلۇ ‹تۈرك تىلى تارىخى› ناملىق ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ‹ئەتەبەتۇلھەقايىق› ناملىق ئەسەردىكى شېئىرلار ئەخمەت يەسىۋىينىڭ ھىكمەتلىرىدەك، ‹دىۋانى لۇغاتىت تۈرك› تىكى بېيىتلەردەك خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بېيىتلەر ئىكەن. ئەخمەت يەسەۋىينىڭ شېئىرلىرىغا ‹دىۋانى ھېكمەت› نامى كېيىن بېرىلگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش ‹ئەتەبەتۇلھەقايىق› ناملىق ئىسمىمۇ كېيىن قويۇلغان ئىسىم بولۇشى مۇمكىن. مەنمۇ بۇ كۆز قاراشنى قوللايمەن. شۇڭا بۇ ئەسەر ھازىرغىچە ‹ئەتەبەتۇلھەقايىق›، ‹ئايبەتۇلھەقايىق›، ‹غايىبەتۇلھەقايىق›، ‹ھىبەتۇلھەقايىق› قاتارلىق كۆپلىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئەدىب ئەخمەت يۈكنەكى ئەسىرىدە ئەسەرنىڭ نامىدىن سۆز ئاچمىغان.»

دوكتور سەرقان چاقماق ئەپەندى «ئەدىب ئەخمەت يۈكنەكى نەسەبىنىڭ قايسى تۈركىي مىللەتكە مەنسۇپلۇقى تارتىشىلماقتا، ئۇ ئەسىرىنى ئۇيغۇرچە يېزىپتۇ، بەزىلەر ئۇنىڭ مازىرىنىڭ بۈگۈنكى ئۆزبېكىستاندا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، بەزىلەر قازاقىستاندا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ پەقەت ئەدىب ئەخمەت يۈكنەكى ئۈچۈنلا ئەمەس، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەخمۇت قەشقىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش بىر مەسىلە. ئىلمىي تەتقىقاتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ شۇنى دېيىشكە بولىدۇ: ئالدى بىلەن بۇ ئالىملارنىڭ قەيەردە تۇغۇلۇپ، قەيەردە چوڭ بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىشىمىز كېرەك. يۈكنەك دېگەن جاينىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى تېخى ئېنىقلانمىدى. بۇ ھەقتە ھەر خىل كۆز قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ قېتىمقى يىغىندا بىر تارىخچى ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ قەبرىسىنىڭ بۈگۈنكى قازاقىستاندىكى تۈركىستان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر تاغنىڭ ئېتىكىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنداقتا، ئالدى بىلەن شۇ مەزگىلدە ئۇ يەرلەردە قايسى تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ياشىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈش كېرەك دەپ ئويلايمەن.»

«سىز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بويىچە ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىلىرى يېزىپسىز. ياش بىر ئۇيغۇرشۇناس بولۇپ يېتىشىپسىز. سىزچە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدىكى ئورنى نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا سەرقان چاقماق ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇر تىلى، بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا يېزىلغان تېكىستلەر تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. چۈنكى كۆك تۈرك دەۋرىدىن ئىسلام دىنىغا ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان. چاغاتاي تىلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بولسا چاغاتاي تۈركچىسىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاستىدا قالغان بولسىمۇ، باشقا تىللارنىڭ، يەنى خىتايچىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاز ئۇچرىغان تىل بولۇشىدۇر. ئۇيغۇر تىلىدا خىتايچىدىن كىرگەن سۆزلەر ناھايىتى ئاز، ئۇيغۇرلار كىملىكىنى ياخشى قوغداپ قالغان مىللەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.»

«قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «تۈركىيەدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كۆپ ساندا تۈركولوگ بار. بۇلار دۇچار بولۇۋاتقان ئەڭ زور قىيىنچىلىق ئۇيغۇرچە يېڭى تېكىستلەرنىڭ تېپىلماسلىقىدۇر. ھازىرغىچە تېپىلغان تېكىستلەرنىڭ كۆپىنى تۈركولوگلار ئوقۇپ بولغان. شۇڭا تۈركولوگلار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇڭا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى، مەدەنىيەت تارىخىنى، تىل تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئۇسسۇل ۋە يېڭى نۇقتىئىنەزەر بىلەن تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن، تۈركىيەدە تۈرك تىلى بىلەن پەلسەپە تەتقىق قىلغىلى بولمايدۇ، تۈرك تىلىدا پەلسەپە تەتقىق قىلىشقا يەتكۈدەك ئاتالغۇ يوق دەيدىغان كۆز قاراش بار. ئۇيغۇرلار قەدىمكى زامانلاردا ئۇيغۇر تىلى بىلەن پەلسەپەۋىي ئۇقۇملارنى ئىپادىلىگەن ئىكەن. شۇڭا قەدىمكى ئۇيغۇرچىدىن پايدىلىنىپ تۈركچىدە سۆز ياساشقا بولىدۇ. بۇ جەھەتلەردە بەزى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ ئويلايمەن.»

ياش ئۇيغۇرشۇناس سەرقان چاقماق ئەپەندى 1987-يىلى تۈركىيەنىڭ بايبۇرت ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ سىۋاستىكى جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەرزۇرۇمدىكى ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇغان. ئۇ ھازىر مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىرىنى بېرىش بىلەن بىرلىكتە بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. سەرقان چاقماق دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى شىۋېتسىيەلىك تۈركولوگ گۈلنار ياررىڭنىڭ ئارخىپىدىكى ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر توغرىسىدا يازغان ئىكەن.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/etebetul-heqayiq-07032018135148.html#.XEOOt9X9Phw.facebook

Share
1542 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.