logo

trugen jacn

ئېلىشقۇلۇق دېھقان 12 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ يۈكىمىزنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى

image

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 6-ئىيۇل ئېلىشقۇنى زىيارەت قىلىپ، يەرلىك كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار دىنىي زاتلار، دېھقانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇ، سۆھبەت يىغىنىدا يەرلىك كادىرلارنىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدە قىلغان خىزمەت دوكلاتى ۋە يەرلىك ئاھالىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغان.

بىراق خىتاي ئاخباراتى، سۆھبەت يىغىنىدا كونكرېت قانداق پىكىرلەرنىڭ چۈشكەنلىكى ھەققىدە توختالمىغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز خاڭدى، ئىلىشقۇ يېزىلىرىغا تېلېفون قىلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ پىكرىنى سورىدۇق. ئالدىنقى كۈنكى پروگراممىمىزدا خاڭدىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر كىشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.

ئۇ كىشى 28-ئىيۇل «ئىلىشقۇ ۋەقەسى» دە تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى تۇرمۇش ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن بىز ئىلىشقۇ بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق باشقا بىر دېھقان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئەمگەك كۈچى قالمىغان ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالى، تېرىلغۇ يەر مەسىلىسى، 12 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/uyghur-maarip-08122015145119.html

Share
1091 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.