logo

trugen jacn

ئۈژمىنىڭ شىپالىق رولى

 


132260772_11n 

 ، قورساق كۆپۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى. ئۈجمە شېخىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، سوغۇق يەلنى ھەيدەش، رېماتىزم، پۇت – قول ئۇيۇشۇشنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ياخشى.

   ئۈجمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋىتامىن A، B، C، گىلۇكوزا، ئالما كىسلاتاسى، ئاقسىل، تانىن كىسلاتاسى، كالتسىي ۋە ئانورگانىك تۇزلار بار. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسلىق ئاق ئۈجمە، قارا ئۈجمە، شاتۇت قاتارلىق سورتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاق ئۈجمىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ساپ قان پەيدا قىلىش، مېڭە ۋە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، توسالغۇلارنى تازىلاش، تال، جىگەرنىڭ ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، تېرىنى يۇمشىتىپ سىلىقلاشتۇرۇش، ھەرخىل تەمرەتكىنى تۈپتىن ساقايتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، قۇرۇق سوغۇق (سەۋدا) مىجەزگە پايدا قىلىدۇ. قارا ئۈجمىنىڭ تەركىبىدە، قارا رەڭ ماددىسى كۆپرەك بولغانلىقتىن، رەڭگى قارامتۇل كېلىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، ھەزىم قىلىشنى كۈچەيتىش، ئۈچەينى سىلىقلاپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، مېڭە ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە. قارا ئۈجمە سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەرگە پايدا قىلىدۇ. شاتۇتنىڭ رەڭگى قىزغۇچ قارامتۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق، قىزىتما قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى تازىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، مېڭە ۋە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، ئىسسىق ئېشىپ كېتىشتىن بولىدىغان جىگەر، تال، ئۆت يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى تازىلاش، ئىششىق ياندۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، سۇيۇقلاندۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، قۇرۇق ئىسسىق (سەپرا) مىجەزلەرگە ياخشى پايدا قىلىدۇ.

    ئۈجمىنىڭ مېۋىسىدىن باشقا ئۇنىڭ يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە نوتا شېخىمۇ داۋالاش قىممىتىگە ئىگە. ئۈجمە يوپۇرمىقىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، يەل ھەيدەش، قىزىتما قايتۇرۇش، جىگەرنى تازىلاش، قاننى سوۋۇتۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقى، كۆز قىزىرىپ ئاغرىشلارنى داۋالاشتا خېلى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، ئۆپكە، نەپەس يولى كېسەللىرى، دەم سىقىلىش، يۆتەل، قان تۈكۈرۈش، سۇلۇق ئىششىق

    500 گىرام ئۈجمە شىرنىسىغا 100 گىرام كىراخمال ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ھالۋىدىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گىرام ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ.

    ھۆل ياكى قۇرۇق ئۈجمىنى سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ شەربەت تەييارلاپ، ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا ئىچسە، ماغدۇرسىزلىق، قان ئازلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق ۋە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىرىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

    قۇرۇتۇلغان 200 گىرام قارا ئۈجمىگە 200 گىرام ئوغرى تىكەن، 50 گىرام دارچىن، 50 گىرام زەنجىۋىل ۋە ئېگىر، جۇۋىنە، ئارپىبەدىيانىڭ ھەر قايسىسىدىن 100 گىرام ئارىلاشتۇرۇپ، چالا سوقۇپ، ئاندىن بەش كىلوگىرام سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، سۈيىنى ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گىرامدىن ئىستېمال قىلسا، سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىقى، مەيدە ئاغرىش، بالىياتقۇ كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    مەلۇم مىقداردىكى شېكەرنى سۇدا قاينىتىپ قىيام قىلىۋالغاندىن كېيىن، ھۆل ياكى قۇرۇق شاتۇتنى سېلىپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ، كۈندە ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان باش ئاغرىقى، ئىشتەي تۇتۇلۇش، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    مەلۇم مىقداردىكى ئۈجمە يوپۇرمىقىنى سۇدا قايناتقاندىن كېيىن ئىلمان پېتى ئىچسە، جىگەردىكى ھارارەتنى تۆۋەنلىتىدۇ. قىزىرىپ ئاغرىغان كۆزنى مۇشۇ سۇدا كۈندە بىر قانچە قېتىم يۇيۇپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    قىش ياكى ئەتىيازدا ئۈجمە يىلتىزىنىڭ قارا پوستى بىلەن ئىچىدىكى ياغىچىنى ئېلىۋېتىپ، ئوتتۇرىسىدىكى ئاق يىلتىز پوستىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن 500 گىرامنى سوقۇپ تاسقاپ، 30 گىرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئالتە گىرامدىن ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلسا، سۈيدۈك راۋانلىشىدۇ، ئىششىق يانىدۇ، ئۆپكىدىكى ھارارەت تۆۋەنلەيدۇ، بەلغەم بوشايدۇ، يۆتەل توختايدۇ.

    شاتۇت ۋە قارا ئۈجمىنى ھاراققا چىلاپ ئاپتاپتا بىر ئاي قويغاندىن كېيىن ھەر كۈنى 50 گىرامدىن ئىككى ۋاق ئىستېمال قىلسا، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ. ھەر خىل بوغۇم ياللۇغى، رىماتىزىم قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ

 

 

Share
1995 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.