logo

trugen jacn

ئۈچ ياشلىق ئابدۇللانىڭ ئۆلۈمى ۋە تايلاندتىكى بىر مۇسۇلمان دوختۇر ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى

image

ئۆتكەن  يىلى 12-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە 3 ياشلىق مۇساپىر بالا ئابدۇللانىڭ تايلاندتىكى بىر دوختۇرخانىدا 53 كۈن يالغۇز يېتىپ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

بۇ ۋەقە بىر تەرەپتىن مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ يۈرەك-قەلبىنى ئەزگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تايلاند تۈرمىلىرىدە يىللارچە قامىلىپ ياتقان يۈزلىگەن مۇساپىرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئاشكارا قىلدى.

ئۇنداقتا، بۇ دۇنيانىڭ ھېچ بىر خوۋلۇقىنى كۆرمىگەن، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان 3 ياشلىق سەبىي بالا ئابدۇللا يات ئەلدىكى ناتونۇش ئىنسانلار ئارىسىدا ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 53 كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟ بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا ئىنسانىي مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزگەنلەر بولغانمۇ؟ ئۇنىڭ مېيىتى بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولمىغان ئەھۋالدا ۋەتىنىدىن يىراق بىر تۇپراقتا قانداق ئۇزىتىلدى؟

تۈركىيەدە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇلقادىر تۇمتۈرك ئەپەندى بۇ جەريانلارغا ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان شاھىتلاردىن بىرىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇم ئابدۇللانىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا 3 ياشلىق ئابدۇللانىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى باڭكوكتا تۇرۇپ ئاڭلىغانلىقىنى ۋە دەرھال تايلاندنىڭ جەنۇبىغا ئاتلىنىپ، مۇزلىتىش ساندۇقىغا سېلىپ قويۇلغان جەسەتنى تۇنجى بولۇپ كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى

abdulla-3-yash-tayland-wapat-bolghan-1

ئابدۇلقادىر تۇمتۈرك ئۆز بايانلىرىدا يەنە تايلاند مۇسۇلمانلىرىدىن بولغان بىر دوختۇر ئايالنىڭ 3 ياشلىق ئابدۇللاغا 53 كۈن ھەمراھ بولۇپ قارىغانلىقىنى، گەرچە بۇ ئايال باشقا بىر تىلدا سۆزلەيدىغان بىر مۇسۇلمان بولسىمۇ، لېكىن مۇساپىر بالا ئابدۇللاغا ئانىلارغا خاس مېھىر-مۇھەببىتىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ ئۆز بايانلىرىدا يەنە، تېخى بالا تۇرۇپلا مۇساپىرچىلىقنىڭ ئېغىر قىسمەتلىرىنى بېشىدىن كۆچۈرگەن 3 ياشلىق ئابدۇللانىڭ قانداق قىلىپ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئاتا-ئانا ۋە تۇغقانلىرى بولمىغان بىر شارائىتتا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ئېچىنىش ئىلىكىدە بايان قىلدى.

ئابدۇلقادىر تۇمتۈرك مەرھۇم ئابدۇللانىڭ جىنازا نامىزىغا تايلاندتىكى 200 دىن ئارتۇق يەرلىك مۇسۇلماننىڭ قاتناشقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ مېيىتىنىڭ تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى خاتياي شەھىرىگە قاراشلىق بىر يېزا قەبرىستانلىقىغا يەرلىككە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا ئۇ ئابدۇللا ھايات ۋاقتىدا دوختۇرخانىدا 53 كۈن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ۋە ئۆزىنىڭ ئانىلىق مېھىر-مۇھەببىتىنى يەتكۈزگەن تايلاندلىق مۇسۇلمان ئايال دوختۇر ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى

tayland-musapir-uyghur

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tayland-musapir-01292015134814.html

Share
1851 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.