logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى چاڭجياڭ يولى ساقچىخانىسى چىقارغان «ئىرقىي ئايرىمىچىلىق» تۈسىدىكى ئۇقتۇرۇش ئاشكارىلاندى

2-ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى، ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك چاڭجياڭ يولى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى چىقىرىلغان بىر ئۇقتۇرۇش كەڭ تارقىلىپ كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كوچىلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان چارلاشتا كىملەرنى تەكشۈرۈش ئوبېكتى قىلىش ھەققىدە ئىنتايىن ئېنىق بولغان مىللىي ۋە ئايرىمىچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك چاڭجياڭ يولى ساقچىخانىسى چىقارغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە شەھەرلىك پارتكومنىڭ ‹نۇقتىلىق تەكشۈرۈش› ۋە ‹مۇھىم نۇقتىنى تەكشۈرۈش› سىياسىتىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى بازارلارنىڭ كىرىش ئېغىزلىرى ۋە ئادەم كۆپ توپلاشقان جايلاردىكى ئۈستى-باشنى ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، خىتايلارنى ئاختۇرۇپ تەكشۈرمەسلىك، ئەگەر خىتايلارنىڭ ئېغىر يۈك-تاقلىرى بولسا يۈك-تاقلىرىنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۈش ئەمما ئادەمنى تەكشۈرمەسلىك، ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۈستى-بېشىنى ئاختۇرۇپ، قاتتىق تەكشۈرۈش، ئاپتوموبىللارنى قاتتىق تەكشۈرۈش، ئەگەر ئاپتوموبىل ئىچىدىكىلەر خىتاي بولسا تەكشۈرمەي ئۆتكۈزۈۋېتىش، كوزۇپنىمۇ تەكشۈرمەسلىك، ئەگەر ماشىنىدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بولسا چوقۇم ئۇلارنى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرۈپ قاتتىق تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ ئاپتوموبىل ئىچىنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك،» دېگەندەك ئىبارىلەر يەر ئالغان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇش تارقالغاندىن كېيىن چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقچىلىق ۋە ئوچۇق-ئاشكارا مىللەتچىلىك سىياسەتلىرىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرماي ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىن ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە دۇچ كېلىۋاتقان قاتمۇ-قات زۇلۇملارنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، بۇ ئەھۋالنى شىمالىي كورىيەدىكىگە تولىمۇ ئوخشايدىغان ‹ساقچى دۆلىتى› ياكى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق مەركەز قىلىنغان ‹ئاپارتېيد› تۈزۈمىگە ئوخشىتىشقا بولىدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشنى مانا مۇشۇنداق ئىرقىي ۋە مىللىي ئايرىمىچىلىقنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنىكى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-irqiy-ayrimchiliq-08022018235512.html

Share
1426 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.