logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى: ئاز دېگەندە ئۆلۈك 3، يارىدار 79

201405011418china1

 

شۆھرەت ھوشۇر

بۈگۈن خىتاي ۋە خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى جەنۇبى ۋوگزالىدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە ۋەقەدە 3 كىشى ئۆلگەن، 79 كىشى يارىلانغان.

ۋەقەنى بىر قېتىملىق چوڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ بايان قىلغان خەۋەردە، ھۇجۇمچىلارنىڭ ۋوگزالدىن چىقىۋاتقان كىشىلەرگە پىچاق ۋە پارتلاتقۇچ بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى يېزىلغان.

مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە مۇستەقىل ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ساقچىلار ۋە دائىرىلەر ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. پويىز ئىستانسىسىغا يېقىن جۇڭيى دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتقان بىر خانىم، يارىدارلارنىڭ مەزكۇر دوختۇرخانىغا ئەكىلىنگەنلىكىنى ۋە قارا كىيىملىك ساقچىلارنىڭ ئەتراپنى قورشاۋغا ئېلىپ قاتناشنى توختاتقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى مەلۇم قىلدى.

ۋەقە ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ خەۋەر بەرگەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەنىڭ جەنۇبى ۋوگزالنىڭ چىقىش ئېغىزىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئەمما ۋەقەدە ئۆلگەن يارىلانغانلار ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. ۋەقە ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان خەۋەرلەردە، ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندىكى جىددىيچىلىكنى ئەكس ئەتتۈرگەن كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئالدى بىلەن ۋەقە يۈز بەرگەن جەنۇبى ۋوگزالدىكى ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان ساقچى خادىمى، ساقچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەق مەيدانغا كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بولسا نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ۋەقە ھەققىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىمى بولسا، بۇ ھەقتە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بىزنىڭمۇ بۇ ھەقتە سوئال سورىماسلىقىمىزنى بۇيرۇدى.
سايباغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمى بولسا، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىدارىگە دەرھال چاقىرىلغانلىقىنى، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن تېخى خەۋەر تاپمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ۋەقە ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر خەۋەردە، ۋەقەدە يەتتە نەپەر خىتاي ئىشلەمچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 50 نەچچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، شۇ كۈنى ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر مەزگىل ئاۋۋال خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شۇ ئەتراپتىكى بىر مەسچىتنى زىيارەت قىلغانلىقى، بۇ مەسچىتنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن ۋوگزالدىن 4 كىلومېتىر ئۇزاقتا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىق ۋە ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇر ۋە رەسىملەرنى ئۆچۈرۈپ ماڭماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋەقە يۈز بېرىپ 10 سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بەرگەن ئىككىنچى خەۋىرىدە، ۋەقەدە 3 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 79 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بۇلاردىن 4 نەپىرىنىڭ ئېغىر يارىدار ئىكەنلىكىنى ھەم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. خەۋەردە يەنە ھۇجۇمچىلارنىڭ كىشىلەرگە پىچاق ۋە پارتلاتقۇچ بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى يازغان. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا يېقىن جايدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان بىر خانىمغا تېلېفون قىلدۇق:

سوئال: سىز جۇڭيى دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيسىز شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق. مەن 3-قەۋەتتە ئىشلەۋاتاتتىم، سائەت 5 مەزگىلىدە چىرقىرىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى، قارىساق ساقچى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى دوختۇرخانىغا يارىدارلارنى توشۇۋېتىپتۇ، قارا كىيىملىك ساقچىلار ئەتراپنى قورشىۋېلىپ، يوللارنى توسۇۋېتىپتۇ. سائەت 6:30 بولغاندا، دوختۇرخانىدا تەستە چىقىپ ئارقا يوللار بىلەن ئۆيگە كېلىۋالدىم.

سوئال: قانچە كىشى ئۆلۈپ قانچە كىشى يارىلانغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بولدىمۇ؟
جاۋاب: ياق بولمىدى، چۈنكى قۇتقۇزۇش بۆلۈمى 1‏-قەۋەتتە، مەن 3-قەۋەتتە ئىشلەيمەن، ۋەقە ھەققىدە ھېچكىم بىزگە مەلۇمات بەرمىدى.

بىز 2-دوختۇرخانىدا ئاغرىق بېقىۋاتقان بىر كىشىگە تېلېفون قىلدۇق، بۇ كىشى ۋەقەدىن خەۋىرى بولغانلىقىنى ئەمما يارىدارلارنىڭ 2-دوختۇرخانىغا ئەكىلىنگىنىدىن خەۋىرى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋەقە ھەققىدىكى غەيرىي رەسمىي ئۇچۇرلاردىن بىرىدە ۋەقەنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى يەنى ئۆزىنى پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان؛ يەنە بىر ئۇچۇردا ھۇجۇمچىلاردىن بىرىنىڭ بىر كىشىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، يەنە بىر كىشىنى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرغانلىقىنى ئارقىدىن پارتلاتقۇچنى پارتلاتقانلىقىنى يازغان. ئەمما خىتاي ئاخباراتى ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكى، قانچە كىشى ئىكەنلىكى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghurda-partlash-04302014165501.html

Share
2170 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.