logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى مېترو بېكەت تاختىلىرىغا ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىلمىگەنلىكى ئاشكارىلاندى

image

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇنجى رېلىسلىق قاتناش تۈرى بولغان مېترو قۇرۇلۇش ئەھۋالى، شەھەر ئاھالىلىرى ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا. 2019-يىلى پۈتۈپ رەسمىي يۈرۈشتۈرۈلىدىغان مېترو 1-لىنىيىسىنىڭ بىر قىسمى پۈتكەن بولۇپ، ھالبۇكى بېكەت ناملىرى ۋە تاختىلىرىغا، ھەتتا كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىدىكى بارلىق بەلگىلەرگە پەقەت، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە ئىشلىتىلىپ، ئۇيغۇرچىسى يېزىلمىغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە،ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزىدىكى بۇ نۇقتىلىق قاتناش قۇرۇلۇشىدىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. بۇ مەسىلە ھازىرقى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە بېسىملار تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى سورۇن ۋە بەزى ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە يوچۇن غۇلغۇلا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان قولايسىزلىقلىرى ۋە نارازىلىققا جىددىي قاراپ، مېترو قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل دائىرىلەرنىڭ سەۋەنلىكىگە ۋاقتىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە چاقىردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك رېلىسلىق قاتناش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ تورىدا تارقىتىلغان ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ئۈرۈمچى مېترو قۇرۇلۇشىنىڭ يىراق مەزگىللىك لىنىيە تورىدا جەمئىي 7 لىنىيە پىلانلانغان،ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 211.9 كىلومېتىر كېلىدۇ. 12 بەش يىللىق پىلان ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن بۇ غايەت زور قۇرۇلۇشقا جەمئىي 31 مىليارد 240 مىڭ يۈەن مەبلەغ كېتىدىغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتى ھەر سائىتىگە 80 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن، 120 بېكەت (تۆتى ئالمىشىش بېكىتى) ياسىلىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك لىنىيە پىلانىدا، 1-نومۇرلۇق ۋە 2-نومۇرلۇق لىنىيىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 47.9 كىلومېتىر قىلىپ بېكىتىلگەن، ئاۋۋال قۇرۇلۇش باشلىنىدىغان 1-نومۇرلۇق لىنىيىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، ئاخىرقى نۇقتىسى ئايرودروم بولىدىكەن.

1-نومۇرلۇق لىنىيىدە 2016-يىلى بېكەت ۋە رايونلار ئارا ھازىرقى تور قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 2017-يىلى ئەسلىھەلەرنى قۇراشتۇرۇش،سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان بولۇپ، 2019-يىلى پۈتۈن لىنىيىدە قاتناش باشلىنىدىكەن.

ئۈرۈمچى مېتروسىنىڭ 1-ۋە 2-لىنىيىسى تونېللىرى قۇرۇلۇشى داۋام قىلماقتا.بەزى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بېكەتلىرى پۈتۈپ، بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن. پۈتۈن مېترو قۇرۇلۇش مەيدانى رەقەملەشكەن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق كونترول قىلىنماقتا ئىكەن.

رەقەملەشكەن كۆزىتىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىدىن تارتىپ سەپلەنگەن بۇ مېترو لىنىيىسىدە ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىلمىگەنلىكى مېترو پۈتۈپ چىققاندىن كېيىنكى مۇلازىمەت مۇكەممەللىكىگە سوئال پەيدا قىلماقتا. يەنى ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇستىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇر ھەم پىكىرلەر، رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، مېترو بېكەت ناملىرى، چۈشەندۈرۈشلەر، بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچ تاختىلىرى، كىرىپ-چىقىش ئېغىزلىرى قاتارلىق زۆرۈر بەلگىلەرگە ئۇيغۇرچە يېزىلمىغاندا، خىتايچە ياكى ئىنگلىزچە بىلمەيدىغان بولۇپمۇ ياقا يۇرتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر يولۇچىلارغا زور قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرمۇ رادىئومىز ئارقىلىق بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇردى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا ئەڭ يۈكسەك قانۇنلۇق ھوقۇققا ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتى، تىل يېزىق، كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ سەۋەنلىككە جىددىي مۇئامىلە قىلىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا ۋە بۇنداق چوڭ قۇرۇلۇشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

ئالىم سېيىتوفنىڭ تەكىتلىشىچە مېترو قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوللىنىلماسلىقى، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قۇلايسىزلىق يارىتىپلا قالماي نارازىلىق ۋە كۈتۈلمىگەن قارشىلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

نوپۇسى 4 مىليونغا يەتكەن مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىش، شەھەر ئاممىسىنىڭ يول يۈرۈشىنى قولايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان مېترو قۇرۇلۇشى،ئۆز نۆۋىتىدە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ تەقەززا قىلىۋاتقان ئىدى، ئەمما يېقىندىن بۇيان بۇ مېترو قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ قاراڭغۇ تەرىپى يەنى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى، ئۇيغۇرلاردا تەئەججۈپلۈك سوئال ۋە نارازىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە، دائىرىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى بىخەستەلىك ياكى قەستەنلىكتە سادىر قىلغانلىقى نامەلۇم ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاممىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغانلىقى بەزى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئىپادىسىنى تاپتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-weziyiti-06082015160642.html

Share
1644 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.