logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرىتارى لى جى تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان

indir

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرىتارى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن لى جى تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا لى جىنىڭ «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلانمىغان.

ئەمما، ئۇنىڭ تەكشۈرىلىشىنىڭ چىرىكلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرى لى جىنىڭ ئىسمىنىڭ 2009 – يىلى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە ئۇنىڭ بىر مىنىبۇس ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ خىتاي ئاممىسىنى ئۆچ ئېلىشقا كۈشكۈرتىدىغان سۆزلەرنى قىلىشى بىلەن تونۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

لى جىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەينى چاغدىكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەنگە يېقىنلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى تاكى 2013 – يىلىغىچە ئاتقۇرغان ئىدى.

بۇ قېتىم ئۇنىڭ تەكشۈرۈلۈشكە ئېلىنىشى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جۇ يوڭكاڭ ۋە بو شىلەي گۇرۇھىدىكىلەر بىلەن بولغان كۈرىشىنىڭ داۋامى، دەپ قارالماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/urumqi-li-03112015203556.html

Share
1329 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.