logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

20150706111508528

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى، ‏«5‏-ئىيۇل ۋەقەسى»دە خاتالىشىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان خىتاي ئەمەلدارى لى جى 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

لى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىقىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى ئۆتىگەن.

چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شى نىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 18‏-نويابىر لى جىنى 12 يىللىققا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، بىر مىليون سوم جەرىمانە قويغان. بۇ يىل 66 ياشلىق لى جى 1996‏-يىلدىن 2013‏-يىلغىچە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، 13 مىليون 200 يۈەن پارا ئېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ۋە شىنىڭ شەھىرىدە سوتلانغان ئىدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ قۇرۇلۇش ھۆددىگە بېرىش، يەر ئېچىش، خىزمەتكە ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا پارا ئالغان. لى جى 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى قوللىغان.

ئۇ، «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن 2 ئاي كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.
خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2015‏-يىلى 3‏-ئايدىن باشلاپ ئۇنىڭ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك قىلمىشىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، دائىرىلەر ئۇنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، رەسمىي قولغا ئالغان ھەم چىڭخەينىڭ شىنىڭ شەھىرىدە سوتلاشقا باشلىغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-emeldar-11182016155133.html

Share
804 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.