logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاقما نوپۇس 2 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن

250px-Urumqi_panorama

«ئاسىيا كىندىكى تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاقما نوپۇسنىڭ نۆۋەتتە 2 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى رەسمىي ئېلان قىلىنغان.

30-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2 مىليون 30 مىڭ پارچە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بېجىرىلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ 3 مىليون 500 مىڭغا يەتكەنلىكى، ئاقما نوپۇسنىڭ 2 مىليوندىن ئاشقانلىقى مەلۇم بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2011-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تىزىملانغان ئاقما نوپۇس 837 مىڭ بولۇپ، قىسقىغىنا تۆت يىل ئىچىدە سىرتتىن كەلگەن ئاقما نوپۇس شىددەت بىلەن كۆپىيىپ 2 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. ئاقما نوپۇستىكىلەر ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بېجىرسىلا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسى، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت خاراكتېرلىك مەنپەئەتلەردىن ئوخشاش بەھرىمەن بولالايدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ بىرقانچە يىلدىلا 5 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىگە ئىگە چوڭ شەھەرگە ئايلىنىشى دائىرىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان كۆچمەنلەرگە يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/aqma-nopus-11022015151720.html

Share
1158 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.