logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ئۆزلىرىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى بىر مىليون سوم بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

image

ئىرادە

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بۈگۈن ئۆزلىرىنى تېررورلۇققا ئائىت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى بىر مىليون سوم بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋەردىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقارغان. ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرغانلار، يېتەكچىلىك قىلغان ۋە قاتناشقانلارنى، بىرەر تېررورلۇق ھەرىكەت پىلانى ئۈچۈن پۇل يىغىپ، كېرەكلىك ماتېرىيال سېتىۋالغانلارنى ۋە شۇنداقلا تېررورچىلارنى توشۇغانلار، يوشۇرغانلار ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغانلارنىڭ ھەرقاندىقىنى پاش قىلسا مۇكاپات بېرىلىدىكەن

دائىرىلەر ئۇقتۇرۇشتا ئۆزلىرىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلەر ۋە مۇكاپاتلانغانلارنىڭ كىملىكىنىڭ مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى يەكەندە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خىزمەت كۆرسەتكەن شەخس ۋە ئورۇنلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇپ، مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇكاپات سوممىسىنى توختىماي ئۆستۈرۈشىنى ئۇلارنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشتا ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ياخشىلاشقا چاقىرىپ كەلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/terror-mukapat-09092014162942.html

Share
1606 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.