logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا 3 كىشى يارىلانغان، بىر كىشى ئۆلگەن

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈنۈگۈن يەنى 11 ‏-مارت كۈنى كەچ سائەت 6 مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر رايونىدىكى تۆمۈريول ئىدارىسى تەۋەلىكىدە بىر مەيدان قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە ئىككى نەپەر پىدائىي نېفىت ساراي بىناسى ئالدىدا كېتىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان؛ ھۇجۇمدا خىتاي كۆچمەنلىرىدىن 3 نەپىرى يارىلانغان. ئەتراپتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ساقچىلىرى دەرھال ئوق چىقىرىپ پىدائىيلاردىن بىر نەپىرىنى ئېتىپ تاشلىغان ۋە يەنە بىر نەپىرىنى ئەسىر ئالغان. ۋەقە ھەققىدە خىتاي ج خ تارماقلىرى دەسلەپتە توردا قىسقا بىر ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چىققان بۇ ھەقتىكى بىر يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئەڭ ئاۋۋال ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسى تەۋەلىكىدىكى ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق.

نۆۋەتچى خادىم ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەما ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلمىدى. ئۇ ۋەقەنىڭ خېنەن يولى ساقچىخانىسىغا يېقىن يەردە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى، بىز بۇ ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ۋەقەنىڭ ئەرگۇڭ ساقچىخانىسىدىن 500 مېتىر ئۇزاقلىقتا ۋە شۇ يەردىكى نېفىت سارىيى بىناسىنىڭ ئۇدۇلىدا يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى. خىتاي ساقچىلىرى بۇ ۋەقە ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى تارتتى. ئۇلارنىڭ گەپ ئارىسىدا ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 3 كىشى يارىلانغان ۋە بىر كىشى ئۆلگەن. ساقچى تەرەپ ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلدى.

ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پىدائىيلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئەمدىلا 17-18 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ياشلار ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇچۇر ئىگىلەشلىرىمىز داۋامىدا ۋەقەدە يارىلانغۇچىلارنىڭ كىملىكى، يارىلىنىش دەرىجىسىمۇ ئېنىقلانمىدى؛ ئەمما ۋەقەنىڭ شەكلى، ئورنى ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ھۇجۇمنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى بىر زەربە بېرىش ياكى ئۈركۈتۈش ھەرىكىتى ئىكەنلىكى ۋە ھۇجۇمدا يارىلانغان 3 يارىدارنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى مەلۇم.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر گۇۋاھچىنىڭ بايان قىلىشىچە، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقلار، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنى جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىماقتا. بۇ كىشىنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، پىدائىيلار بەلكىم بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىندىكى ساختا دوكلاتلارغا رەددىيە بەرمەكچى ۋە ياكى ئۈرۈمچىدىكى ۋە ئۈرۈمچىگە قاراپ كېلىۋاتقان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۆچمەنلەر ئۈچۈن تىنچ بىر جاي ئەمەسلىكى ھەققىدە سىگنال بەرمەكچى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurda-hujum-03122015144253.html

Share
1507 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.