logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى ئۇلانباي ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە ۋەقە چىققانلىقى، 10 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈنۈگۈن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىئومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۈرۈمچى ئۇلانبايدىكى تۈرمىدە قانلىق ۋەقە چىققانلىقىنى، ۋەقەدە 3 نەپەر ساقچى، 10 نەپەر مەھبۇسنىڭ ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ ھەقتە ئۈرۈمچىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلغاندا، ۋەقەنىڭ ئۇلانبايدىكى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە چىققانلىقى، ۋەقە 26 – ماي كېچە سائەت بىر ئەتراپىدا يۈز بېرىپ سەھەر 6 لەردە ئالاھىدە ساقچىلار تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلغانلىقى دەلىللەندى. دائىرىلەر ۋەقەنى مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقارغانلىقى ئۈچۈن ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئايدىڭلاشمىدى.

بىز بۇ ۋەقە ھەققىدە يىپ ئۇچى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاۋۋال ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇڭفېڭ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى ئۇلانباينىڭ ئۆز تەۋەلىكى ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

بىز ئارقىدىن خۇاڭخې يولى ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، بۇ خادىم ۋەقە ھەققىدە ئۆزىنىڭ مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى

چىداۋان ساقچىخانا خادىمى ئۇلانباينىڭ قارلىغاچ ساقچىخانا تەۋەلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. غالىبىيەت ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى بولسا ئۆزىنىڭ ئۇلانباي تۈرمىسىدە چىققان ۋەقەدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما ۋەقەنى مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە يۇقىرىدىن بۇيرۇق بولغاچقا ۋەقەنى ئاشكارىلىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز ئاخىرى، ئۇلانباي تەۋەلىكىگە مەسئۇل بولغان قارلىغاچ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان ساقچى خادىمى ۋەقەدىن ئۆزىنىڭ كېچە سائەت 2 دە خەۋەرلەندۈرۈلگەنلىكى ۋە ساقچىخانىغا چاقىرتىلغانلىقىنى، ئەمما نەق مەيدانغا بارمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقە ئۇلانبايدىكى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن، ۋەقەدە مەھبۇس ياكى مەھبۇسلارغا ئوق چىقارغان ساقچى دائىرىلەر تەرىپىدىن «2 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى» دەپ بېكىتىلگەن ۋە بۇ ھەقتە مەخسۇس يىغىن ئېچىلماقچى بولغان بولسىمۇ، نامەلۇم سەۋەب بىلەن بۇ قارار ئېلان قىلىنمىغان.

بۇ خادىم ۋەقەدە ئوق چىقارغان ساقچىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرنى مەخپىي تۇتمىغانلىقى ئۈچۈن يەنى ئۈندىدارغا يوللاپ قويغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتنىڭ بىكار قىلىنغانلىق ياكى شۇ ساقچىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدا ئۈرۈمچى ئۇلانبايدىكى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە قانلىق ۋەقە چىققانلىقى ھەققىدە دەسلەپكى ئۇچۇرلىرىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ulanbay-osmurler-turmisi-05282016101112.html

Share
1304 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.