logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسى ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر بۆلىكى-تۈرمىدىن قېچىش-ئاشكارىلاندى

 

ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچى ئۇلانبايدىكى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدىكى ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدە بىر قىسىم ئۆسمۈر مەھبۇسلار بىلەن نۆۋەتچى ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىققانلىقى ۋە توقۇنۇشتىكى مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدە ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ئىدۇق، مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، ئۆسمۈر مەھبۇسلارنىڭ ئىككى نەپەر نۆۋەتچى ساقچىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن 10 نەپىرىنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ چىققانلىقى ۋە بۇلاردىن 3 نەپىرىنىڭ تۈرمە سىرتىدا ئېتىۋېتىلگەنلىكى، قالغان يەتتىسىنىڭ تىرىك تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

بىز ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق ۋە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق، خادىملار داۋاملىق ھالدا ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خادىم ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
-ماتەم مۇراسىمىدا دېيىلىشىچە، 25-چىسلا ئەتىگەندە بىر قىسىم بالىلار تۈرمىدىن قېچىشنى پىلانلىغان، ئاندىن بىرسى ئۇيغۇر، بىرسى خەنزۇ ئىككى ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ چىقىپ كەتكەن، ئىككىنچى كۈنى يەنى قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ھەممىسى تۇتۇپ كېلىنگەن.
سوئال: ۋەقەدە ئۆلگەن كىشى قانچە؟
جاۋاب: ئىككى. ئىككى نەپەر ساقچى.
سوئال: (ئۇلانبايدىكى) ۋەقە چىققان تۈرمە ئاياللار تۈرمىسىمۇ، ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىمۇ؟
جاۋاب: ئۆسمۈرلەر.
سوئال: تۈرمىدىن قېچىپ چىققانلار قانچە؟
جاۋاب: جەمئىي 10 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە 3 نەپىرى ئېتىۋېتىلگەن.
سوئال: سىز بۇ ئۇچۇرنى بىرەر يىغىندا ئاڭلىدىڭىزمۇ ياكى بىر دوكلاتتىن ئوقۇدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: شۇ كۈنى ھۆكۈمەت تەرەپ قول تېلېفونىمىزغا بىر قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتتى بۇ ھەقتە، شۇڭا بۇ دېگەنلىرىم ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇچۇرى.
سوئال: شۇ ئۇچۇردا ئېنىق ھالدا نېمىلەر دېيىلگەن؟
جاۋاب: ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن « 5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر، ئۈرۈمچى 1-ئۆسمۈرلەر تۈرمىسى، ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش ئورنىدا، 10 نەپەر تەربىيە ئوبيېكتى )يەنى ئۆسمۈر مەھبۇس( لاگىردىن قېچىپ چىقىپ كەتتى، جامائەت خەۋپسىزلىك كادىر-ساقچىلىرىنىڭ قوغلاپ ۋە قورشاپ تۇتۇشى نەتىجىسىدە ھەممىسى لاگىرغا قايتۇرۇپ كېلىندى. تامغا: ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى.»

سوئال: بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئۆسمۈرلەردىن قانچە كىشى ئۆلدى دېيىلگەن؟
جاۋاب: بۇ تىلغا ئېلىنمىغان.
سوئال: ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگىنى ئىككى ساقچى ئۆلگەن شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: بىر ئۇيغۇر، بىر خەنزۇ ئىككى ساقچى ئۆلگەنلىكى ماتەم مۇراسىمىدا دېيىلگەن.
سوئال: ئۆسمۈر مەھبۇسلارنىڭ ئېتىۋېتىلگەن يېرى قايسى ئەتراپ؟ ئۈرۈمچى ئىچىمۇ ئۈرۈمچى سىرتىمۇ؟
جاۋاب: بۇ تەپسىلاتلارنى مەن بىلمەيمەن، بۇنى ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشقان بىزنىڭ باشلىقىمىز بىلىدۇ.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن ئىدارە، جەمئىيەت باشلىقلىرىنى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن يۇقىرىقىچىلىكلا خەۋەرلەندۈرگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ تۈرمىدىن نېمە ئۈچۈن قاچقانلىقى، قېچىشقا سەۋەب بولغان ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن، ئەمما بىزگە كەلگەن ئۇچۇر ۋە بىز ئىگىلىگەن بىر قىسىم مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسىگە، تۈرمىدە بىر مەھبۇسنىڭ تۈرمىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە بۇنىڭغا قارىتا قوزغالغان مەھبۇسلار ئىسيانى سەۋەب بولغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/osmurler-turmisi-06022016134706.html

Share
1548 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.