logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسى ئىسيانىدا ئۆلگەن ئىككى نەپەر ساقچىنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشتى

20150709135503_uygur-sorunu-ve-cinin-balkanlasma-korkusu

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دائىرىلىرى 25 – ماي كۈنى ئۈرۈمچى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە چىققان ئىسياندا ئۆلگەن ئىككى نەپەر ساقچى ئۈچۈن ئۇلانباي ئۆسمۈرلەر 1 – تۈرمىسىدە ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بۇ مۇراسىم ۋە بۇ مۇراسىمدا ئۆلگەن ئىككى نەپەر ساقچى ھەققىدە ئاخباراتقا مەلۇمات بەرمىگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا، مەزكۇر ئىسياندا ئۆلگەن ئىككى نەپەر ساقچىنىڭ بىرى 41 ياشلىق يۇڭ چۈن ئىسىملىك خىتاي ۋە 29 ياشلىق خەمىت خالمۇرات ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

ۋەقە ھەققىدىكى تۇنجى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ ۋەقەدە ئۆلگەن خەمىت ئىسىملىك ساقچىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن مەزكۇر مەكتەپكە تېلېفون قىلدۇق. مەكتەپ خادىمى خەمىتنىڭ مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇغانلىقى بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىنىڭ ساقچىسى ئىكەنلىكىنىمۇ دەلىللىدى. ئۇ يەنە مەزكۇر مەكتەپتىكى ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەقەدىن كېيىن، خەمىتنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ھال سورىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە خەمىتنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى خىمىيە سانائىتى ئىنستىتۇتىدا بۇرۇن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە دەم ئېلىشقا چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر ئىنستىتۇتقا تېلېفون قىلغىنىمىزدا خەمىتنىڭ دادىسىنىڭ خالمۇرات ئابدۇۋەلى، ئانىسىنىڭ بولسا سانىيە خانىم ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. مەزكۇر خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خەمىت خالمۇراتنىڭ خىزمەت ئورنىدا يەنى ئۈرۈمچى ئۆسمۈرلەر 1 – تۈرمىسىدە ۋەقەدە ئۆلگەن ئىككى نەپەر ساقچى ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، مۇراسىمغا قانۇن ساھەسىدىكى خادىملار بىلەن بىرلىكتە خەمىت خالمۇرات ئوقۇغان ۋە ئاتا – ئانىسى خىزمەت قىلغان مەكتەپنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشقان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خادىم مۇراسىمغا قاتناشقان مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسەن، ۋەقەدە ئۆلگەن خىتاي ساقچىنىڭ 41 ياشلىق يۇڭ چۈن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خەمىت خالمۇرات ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، رۇسىيەدە بىر يېرىم يىل رۇس تىلى ئۆگەنگەن، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ خىزمەت تاپالمىغاندىن كېيىن، تۈرمە ساقچىلىق خىزمىتىنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان.

يەنە ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەمىت خالمۇرات بىلەن ئۆسمۈر مەھبۇسلار ئارىسىدا بۇرۇن چوڭ بىر سۈركىلىشلەر بولمىغان، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۆسمۇر مەھبۇسلار ئاۋۋال خىتاي ساقچى يۇڭ چۈننى ئۆلتۈرگەن، ئۇلار تۈرمىدىن قېچىۋاتقاندا خەمىت خالمۇرات ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقانلىقى ئۈچۈن ئۇمۇ ئوخشاشلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

خەمىت خالمۇراتنىڭ ئائىلە تارىخىنى بىلىدىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەمىت خالمۇرات يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر سەنئەتكار ئابدۇۋەلى جارۇللايوفنىڭ نەۋرىسى ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/osmurler-turmisi-06032016220102.html

Share
1380 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.