logo

trugen jacn

ئۈرۈمچىدە باغچىلارغا كىملىك بىلەن كىرىش بەلگىلىمىسى ئىنكاس قوزغىدى

3c9a1f32-876c-48c5-9731-b7c77833387a

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۈرۈمچى ئورمانچىلىق ئىدارىسى 5-ماي كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئاممىۋى باغچىلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغاندىن باشقا، باغچىغا كىرگۈچىلەرنىڭ يېنىدا «2 كىنىشكا، بىر كىملىك بولۇش، 3 يەردە تەكشۈرۈش» تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىدا ئۇقتۇرۇشنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئۈرۈمچىدىكى 7 چوڭ ئاممىۋى باغچىدا بۇ خىل تۈزۈم يولغا قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. ئىككى كۈندىن بۇيان ئۈندىدار قاتارلىق ئاممىۋى ئالاقە تورلىرىدا دائىرىلەرنىڭ ئىستىراھەت ئورۇنلىرى بولغان ئاممىۋى باغچىلاردىمۇ بۇ خىل قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەر بولماقتا.

ئۈرۈمچى ئورمانچىلىق ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئاممىۋى باغچىلاردا تۇيۇقسىز ھۇجۇم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بولۇپمۇ بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى بالىلار ئۈرۈمچىدىكى خەلق باغچىسى، سۇ ئۈستى باغچىسى، تەڭرىتاغ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى، جەنۇبىي باغچە، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، قىزىلتاغ باغچىسى، تەڭرىتاغ باغچىسى قاتارلىق 7 چوڭ باغچە ۋە باشقا ئىستىراھەت ئورۇنلىرىدا يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىدا ئۈرۈمچىدىكى باغچىلاردا يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، خەۋەردە «بۇ يىل يازدىن باشلاپ، ھەرقايسى ئاممىۋى باغچىلارغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە قارىتا «2 كىنىشكا بىر كىملىك بولۇش، 3 يەردە تەكشۈرۈش» تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، باغچىغا كىرگۈچىلەر يېنىدا شۇ كىشىنىڭ كىملىكى، ئاممىغا قۇلايلىق كىنىشكىسى (ئۇيغۇرلار بۇ كارتىنى يېشىل كارتا دەپ ئاتايدىكەن)، خىزمەت كىنىشكىسى ياكى ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى قاتارلىقلار بولۇشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا ساياھەتچىلەرنىڭ يەنە ھەرقايسى باغچىلارنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىدا باغچە ئامانلىق خادىملىرى ياكى ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە يەنە، ئاممىۋى باغچىلاردا يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ سەۋەبى ئىزاھلىنىپ، «بۇلتۇردىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى ئاممىۋى باغچىلار ئەتراپىدىكى ساقچىخانىلار بىر تەرەپ قىلغان بىخەتەرلىك دېلولىرى 121گە، جىنايەت گۇماندارلىرى 187 گە يەتكەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن ئاممىۋى باغچىلارغا قارىتىلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىپ، ھەرقايسى باغچىلاردىكى باغچىنى قوغدىغۇچى ساقچى ئەترەتلىرىنىڭ ‹تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھۇجۇم ۋەقەلىرى› گە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 60 مەيدان 2449 ئادەم قېتىملىق ‹پىچاقلىق زوراۋانلىق ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىش› مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن» لىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئالدىنقى كۈنلەردە ئېلان قىلىنغان ئۈرۈمچىدىكى باغچىلاردا ئاممىۋى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەنلىكى ھەققىدىكى يەنە بىر خەۋەردە، ئۈرۈمچىدىكى ئاممىۋى باغچىلارغا 2015-يىل 5-ئايغىچە جەمئىي 731 دانە سىنالغۇلۇق كۆزىتىش ئاپپاراتى، 56 دانە بىخەتەرلىك ئىشىكى، 4 دانە رېنتگېن نۇرلۇق ئاپپارات، 168 دانە شەخسلەرنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئورنىتىلغان ۋە باغچە ئەتراپىغا 2.6 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۆتكۈر تىغلىق سىم تور 31 مىڭ 539 مېتىر دائىرىدە تارتىلغان. خەۋەردە يەنە بۇ ئاممىۋى باغچىلاردىكى ساقچى ئەترەتلىرىگە كوچا ئايلىنىپ چارلايدىغان ساقچى ئاپتوموبىللىرى، كىملىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، يول توسۇش ئاپتوموبىللىرى، يىراقتىن قوغلاپ تۇتۇش ئەسۋابلىرى، ئۆتكۈر تىغدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىملىرى، ساقچى كالتىكى، قالقان قاتارلىقلارنىڭ سەپلەپ بېرىلگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنغان، ئۈرۈمچىدىكى باغچىلاردا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى، تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى ۋە باغچىلاردا يېڭىدىن يولغا قويۇلغان بۇ خىل قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈرۈمچى ئاھالىسى، بولۇپمۇ خىتاي كۆچمەنلىرىدە ۋەھىمە ۋە ئەنسىرەش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىكى ئىنكاسلاردا يېزىلىشىچە، دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاممىۋى باغچىلاردا بۇ خىل قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىدە خاتىرجەملىك ئەمەس، بېكى ئەنسىزلىك ۋە نارازىلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن.

ئۆزىنى جاڭ خانىم دەپ ئاتىغان بىرەيلەن ئۆزىنىڭ بۇ يىل1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى مەزگىلىدە بالىسىنى باغچىغا ئاپارمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ،«مەن بالىلار بايرىمى مەزگىلىدە ھەتتا بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئۈرۈمچىدىكى باغچىلارغا بارماسلىق قارارىغا كەلدىم. ئۆتكۈر تىغلىق سىم توسۇقلار بىلەن ئورالغان، قوراللىق ساقچىلار ھەممە يەرنى قاپلىغان،قاتمۇ-قات تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغان بۇ خىل يېڭى تۈزۈم، كۆز ئالدىمغا بالىلار كۆڭۈللۈك ئوينايدىغان باغچىنى ئەمەس، بەلكى ئۇرۇش يىللىرىدىكى دۈشمەن ئىشغالىيەت رايونىنى ۋە جىنايەتچىلەرنى قامايدىغان تۈرمىنى كەلتۈرمەكتە. بۇ خىل مۇھىتتا بالىلار قانداقمۇ خۇشال ئوينىيالىسۇن؟ ياشانغان مويسىپىتلار باغچىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن قانداقمۇ خاتىرجەم ھۇزۇرلانسۇن؟» دەپ يازغان.

ۋاڭ فامىلىلىك بىرەيلەن بۇلتۇر ئۈرۈمچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى نەقىل ئېلىپ، «ساقچى ئاپتوموبىللىرى ۋە قوراللىق ساقچىلار قوغداۋاتقان ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا بۇلتۇر«30-ئاپرېل پىچاقلىق ھۇجۇمى» يۈز بەردى، قىزىلتاغ باغچىسى يېنىدىكى ئەتىگەنلىك بازاردىكى «23-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى»دا كۆكتات ئالغىلى چىققانلار جېنىدىن ئايرىلدى. ھازىر مەن باغچە، بازار قاتارلىق ئادەم توپلانغان جايلارغا بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىمەن. بالىلار بايرىمىنى ئەڭ ياخشىسى ئۆيۈڭلاردا خاتىرجەم ئۆتكۈزۈڭلار» دەپ يازغان.

ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسى ئەتراپىدىكى مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق بىرەيلەن بۇ خەۋەرگە قارىتا ئىنكاسىنى بىلدۈرۈپ،«ئۆيۈم سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ يېنىدىلا، ئەمما بۇ باغچىدا شۇنچە كۆپ ھۇجۇم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگىنىنى بىلمەيدىكەنمەن. مەن ھەر كۈنى ساقچى ئاپتوموبىللىرى ۋە قوراللىق ساقچىلارنىڭ باغچە ئەتراپىدا چارلاپ يۈرگىنىنى كۆرگىنىمدە، ئۆزۈمدە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ھېس قىلاتتىم. ئەمدى ئۆزۈمدىن ۋە ئائىلەمنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم» دەپ يازغان.

خىتاي ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا،2014-يىلى خىتايدا ئاممىۋى سورۇنلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن يىل دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى پىچاقلىق ھۇجۇمى»، «30-ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى پارتلىتىش ھۇجۇمى»، «23-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» قاتارلىق ۋەقەلەر كۆپ ئادەم ئۆلگەن قانلىق ۋەقەلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەلەرنى «تېررورلۇق زوراۋانلىق ۋەقەلىرى» دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغان ھۇجۇمچىلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ۋە سىياسىتىدىن نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھۇجۇملىرى» دەپ تەرىپلىمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/urunchi-kimlik-05072015160023.html

Share
1324 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.