logo

trugen jacn

ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ قاماش ئەۋجىگە چىقماقتا

 

140528124724_uygur_xinjiang_512x288_bbc_nocredit

      ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى؛  تۈنۈگۈن (6.ئاينىڭ 4.كۈنى) ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى؛ يەقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە مەركەزنىڭ “قاتتىق زەربە بىرىش ھەركىتى” گە زىچ ئاۋاز قوشۇپ 29 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارنىڭ چاقماق تىزلىكىدە تۇتۇلۇپ تۇرمىغا قامالغانلىقىنى ئىلان قىلدى
كىچىدە تۇتۇپ كىتىپ تۇرمىغا قامالغان ئۇيغۇر  ياشلىرىغا يۈكلەنگەن جىنايەت “ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتۇرتۇش،مىللىي ئۆچمەنلىككە،مىللىي كەمسىتىش ( خەنزۇلارنى كەمسىتىش)كە قۇتۇرتۇش” قاتارلىقلار بولۇپ،بۇ قەتىم تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ياش زىيالى ۋە ئۇنىۋەرسىتىت ئۇقۇغۇچىلىرىدىن ئىبارەت
ئالدىنقى كۈنى ئەركىن ئاسىيا خەنزۇچە بۆلۈمنىڭ مۇخبىرى چىاۋ لۇڭ،تەلىپۇن ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۈرۈمچىدە تىيانشان رايونىنى مەركەز قىلغان ھالدا بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشنىڭ تۇتۇپ  قامالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى
يۈرىگىگە ۋەھىمە كىرىۋالغان خىتاي ھۈكۈمىتى،مىدىرلاپ يۈرگەن ھەر بىر ئۇيغۇر بىر جانلىق بومبا بولىشى مۇمكىن دىگەن گۇمان بىلەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش  پائالىيىتىنى بارغانسىرى تىزلەتمەكتە
ئىگەللىشىمىزچە   ئۈرۈمچى ئاتىراپىدىكى تۇرمىلاردا بوش يەر قالمىغانلىقى ئۈچۈن،ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكۇمنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يىڭى تۇرما قۇرۇلىشى ئۈچۈن كۆپ مىقتاردا مەبلەخ ئاجىراتقان
مەنبە

乌鲁木齐“快速批捕 ”首批29名暴恐嫌疑人

http://www.bbc.co.uk/zhongwen/simp/china/2014/06/140605_china_xinjiang_police.shtml

新疆首府乌鲁木齐市天山区近期已有一千人被抓

http://www.uyghurnet.org/cn/%E4%B9%8C%E5%B8%82%E7%9F%AD%E4%BF%A1%E6%B5%81%E5%85%A5%E6%9D%AD%E5%B7%9E%E9%AB%98%E6%A0%A1%E6%8E%92%E6%9F%A5%E7%BB%B4%E6%97%8F%E5%AD%A6%E7%94%9F-%E4%B9%8C%E5%B8%82%E6%8B%98%E4%B8%80%E5%8D%83%E4%BA%BA/

 

Share
1948 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.