logo

trugen jacn

ئۈرۈمچىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلاردىكى ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىش تەكىتلەندى

خىتاينىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 15-ئىيۇن كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قەسەمياد يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق 5 مەكتەپنىڭ باشلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ شەخسى نامىدا يېزىلغان ئىككى يۈزلىمىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش ھەققىدىكى ئوچۇق خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مەكتەپ مۇدىرى ۋەلى بارات ئوچۇق خېتىدە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئاڭ جەھەتتىن سىڭىپ كىرىدىغان مۇھىم ئىستىھكاملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىز ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى تەتقىقات تونىغا ئورىنىۋالغان بىر تۈركۈم ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى يەنى 3 خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ياردەمچىلىرىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇلار پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان دۈشمەنلەر، ئۇلار دەرس مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەكسىيەتچى ئىدىيىلەرنى، بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك ئىدىيىلىرىنى تارقىتىۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئاۋۋال بۇ خىل بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنىڭ مەنبەلىرىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىشىمىز كېرەك!» دېگەن.

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىستىلا قىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى تەڭسىز مىللىي سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدە يېتەكچى بولۇپ كەلگەن بولسا، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر مىللىي تارىخىي ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە تەلىم بەرگەن ئوقۇتقۇچىلار ھەر قېتىم رايوندا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي كۈرەشلەردىكى زەربە نىشانى بولۇپ كەلگەن

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ikki-yuzlime-06202017171245.html

Share
1051 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.