logo

trugen jacn

«ئۈرۈمچىدىن سىرتقا چىقىپ كەتكەن نوپۇسلارنى ئېنىقلاش» ناملىق مەخپىي ھۆججەت ئاشكارىلاندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت مەخپىي ھۆججەتلىرى ئىچىدە «ئۈرۈمچى شەھىرىدىن سىرتقا ئېقىپ كەتكەن نوپۇسلارنى ئېنىقلاش» ناملىق بىر مەخپىي ھۆججەت بار بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 6- ئايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلاندى. بىر قىسىم شاھىتلار بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە تەقىب قىلىش چارىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللاردىن باشلاپلا يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئۈرۈمچى شەھىرىدىن سىرتقا ئېقىپ كەتكەن نوپۇسلارنى ئېنىقلاش» ھەققىدىكى ھۆججەتكە «ئۈرۈمچى شەھەرلىك نوپۇس مۇلازىمەت ئىشخانىسىنىڭ 2018-يىل 6-نومۇرلۇق ھۆججىتى» دېگەن نومۇر قۇيۇلغان. مەزكۇر ھۆججەت 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تارقىتىلغان.

ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا دائىرىلەر «ئۈرۈمچى شەھىرىدىن سىرتقا ئېقىپ كەتكەن نوپۇسلارنى كىملىكى بويىچە ئېنىقلاش» خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن خىتايچە «خۇيتۇكەن»، يەنى «قايتىدىن قاراش، تەپسىلاتىنى قايتا تەكشۈرۈش» دېگەن نامدا ئالاھىدە بىر گۇرۇپپا تەشكىللىگەن.

ھۆججەتتە يەنە مەزكۇر خىزمەتنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى ياسىن سىدىق تەيىنلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر ھۆججەتتە «خۇيتۇكەن» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنى كىملىكى بويىچە قايتىدىن تىزىملاپ چىقىش، بولۇپمۇ ھەرقايسى ئاھالىلەر كومىتېتلىرى تەرىپىدىن «ئىككىلىك كود»، يەنى سەزگۈر ئائىلىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن سىرت جايلارغا ياكى چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇرىنى تەپسىلىي ئېنىقلاش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى، نىكاھ ئەھۋالى، قان تىپى، ئەر-ئاياللارنىڭ بىللە ياشاش نىسبىتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئېنىقلاش نىسبىتىنى 100 پىرسەنتكە يەتكۈزۈش شۇنداقلا ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئۈچۈن شەخسىي ئارخىپ تۇرغۇزۇش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان.

رادىيومىز ئېنىقلىغان ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھۆججەت تارقىتىلىشتىن ئىلگىرىلا ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھەرقايسى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدا جەدۋەل تارقىتىلىپ، ئاھالىلەرنى كىملىكى بويىچە تىزىملاش، شۇ ئائىلىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ ئارخىپ تۇرغۇزۇش، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارغا نومۇر قۇيۇلۇپ، سەزگۈر ئائىلىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭ كىملىكى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە «ئىككىلىك كود» ئورنىتىلىپ، بۇنداق ئائىلىلەرنى نازارەت قىلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خىل نازارەت سىستېمىسى دەسلەپ يولغا قويۇلغان مەزگىلدىلا ساياھەت ۋىزىسى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە «ئىككىلىك كود» ئورنىتىلىپ، نۇقتىلىق نازارەت قىلىنىدىغان ئائىلىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇندىن كېيىن ئۇ ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ بۇ خىل شارائىتتا ئەركىن ياشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان ۋە ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن.

بىز دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر ھۆججەتتىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە ئۈرۈمچىدىكى ساقچىخانىلار ۋە بىرقانچە جايدىكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

ئۈرۈمچى شامالباغ رايونى، يەنى يەنئەن يولى مەھەللە باشقارمىسىغا قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفونىمىزنى ئالغان خىزمەتچى خادىم، ئۆزىنىڭ نۆۋەتچى خادىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كونكرېت مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ھەرقانداق مەسىلە بولسا نەق مەيدانغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشىمىزنى بىلدۈرۈپ، تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

مەزكۇر ھۆججەتتە يەنە نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىن سىرتقىي جايلارغا ئېقىپ كەتكۈچىلەر ئۈستىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇشتىكى كونكرېت بەلگىلىمىلەرمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ھۆججەتتە ئوقۇش ۋە باشقا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغىنىغا 3 ئايدىن ئارتۇق بولغانلارنىڭ كىملىكىنى، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ ئادرېسىنى تەپسىلىي ئېنىقلاش، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدە قالغان ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرىنىڭ قان ئەۋرىشكىسى قاتارلىق بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان قانداشلىق، تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىنى تولۇق ئارخىپلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدە قالغان تۇغقانلىرى ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلاردا ياشاۋاتقانلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر ھۆججەتتە يەنە پەرزەنتلىرى چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئائىلىلەرگە قارىتا ئۇلارنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىنى خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدۇرۇش، يېڭى بىر ئەۋلاد كىملىك بېجىرىش ئىشىنى تاماملاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆرسەتمە ۋە بەلگىلىمىلەرمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق قايتىپ كېتىش ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرىگە مەلۇمات يوللاش بېسىملىرىغا ئۇچرىماقتىكەن. چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئاتا-ئانىسىدىن ئۇلارنى يۇرتقا قايتىپ بېرىپ ئوقۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش، كىملىك بېجىرىش، ئەگەر ئوقۇشى سەۋەبلىك قايتىپ كېتىش ئىمكانىيىتى بولمىسا ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ ئادرېسى ۋە ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى سالاھىيىتى توغرۇلۇق خىتاي ساقچىلىرىغا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىق باستۇرۇش ئەۋجىگە چىققان شارائىتتا ئاشكارىلانغان بۇ خىل ھۆججەتلەرنىڭ مۇھىم قىممىتى ھەققىدە توختالدى.

2017-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ دائىرىلەر مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلارنىڭ يۇرتتىكى ئاتا-ئانىلىرى ئارقىلىق چاقىرتىش ياكى ساقچىلار بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ تەھدىت قىلىش يوللىرى بىلەن مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كەتكەن ئىدى.

ئەينى چاغدا رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللار ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن قايتىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «تەربىيەلەش» نامىدا تۈركۈم-تۈركۈملەپ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قامالغانلىقى، ھەتتا «دىنىي ئاشقۇنلۇق»، «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن باغلىنىشى بار» دېگەندەك تۈرلۈك جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان ۋە بۇ ئەھۋاللار بۇ يىللاردا ئۈزلۈكسىز ھالدا خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىشىدە ئىسپاتلىق ماتېرىيال بولغان ئىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/mexpiy-hojjet-06282018173820.html

Share
1884 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.