logo

trugen jacn

ئۇچتۇرپان پىدائىيلىرىدىن يۈسۈپ كەنجىنىڭ كىملىك ۋە كەچمىش مەلۇماتلىرى ئاشكارىلاندى

b3624924-ceb5-4730-928e-637913a111a2
شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ج خ تارماقلىرى ئۇچتۇرپاندا خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا زەنجىرسىمان ھۇجۇم ئېلىپ بارغان 7 نەپەر پىدائىي ھەققىدە رەسىملىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، تۇتقۇندىكى پىدائىيلاردىن 33 ياشلىق يۈسۈپ كەنجىنىڭ، ئۇچتۇرپاننىڭ يېڭىئاۋات يېزا 5-كەنتىدىن ئىكەنلىكى، 20 ياش مەزگىللىرىدە بىر مەھەل كەيپى-ساپا ھاياتنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى، كېيىن ھىدايەت يولىغا ماڭغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن كورلىدا بىر يىل تۈرمىدە ياتقانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، يۈسۈپ كەنجى ئىماملىرىمدا 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنىنىڭ ۋە ئاقسۇ شەھىرىدە 5 خىتاي تىجارەتچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدە ئاكتىپ رول ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يۈسۈپ كەنجى كەيپى-ساپا يولدا ياشاۋاتقان مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ بىلەن قىلچىمۇ چاتىقى بولمىغان خىتاي ج خ ئورگانلىرى، ئۇ ھىدايەت تېپىپ نورمال ھاياتقا ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ پېيىغا چۈشكەن ۋە ئۇنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، كەنت ۋە مەھەللە باشلىقلىرى ئارقىلىق نۇقتىلىق ھالدا كۆزىتىپ تۇرغان. ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئايالى ۋە 3 ياشلىق پەرزەنتىنى قېيىنئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بىر مەھەل دەم ئېلىپ تۇرۇشى ئۈچۈن يولغا سېلىپ قويغان. ئۆزى ۋەقەدىن ئىككى ئاي بۇرۇن يەنى 5-ئاي مەزگىلىدە، ئۆزىنى كۆزىتىۋاتقان كەنت باشلىقلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن قايمۇقتۇرۇپ، كەنتتىن ئاقسۇ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان. ئۇ، ئاقسۇ شەھىرىدە سەپداشلىرى بىلەن تېپىشقاندىن كېيىن، 7-ئاينىڭ بېشىدىكى بىر ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدا ئاكتىپ رول ئالغان. شۇ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدا جەمئىي 11 خىتاي كۆچمەن ئۆلتۈرۈلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uchturpan-pidaiy-09152014151739.html

Share
2477 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.