logo

trugen jacn

ئۇچتۇرپان ئاقتوقاينىڭ ئەدلىيە پونكىتى باشلىقى تەراۋىھدا پايلاقچىلىق قىلىۋاتقان چېغىدا ئۆلتۈرۈلگەن


abc5a9a5-80ab-4eb1-85ef-727fa1d8cdf4

سۈرەتتە، ئۇچتۇرپان پىدائىيلىرىدىن تاھىر ئەيسا(ئوڭدا) ۋە ئابدۇللا ئابدۇرەھىم. ئابدۇرەھىم ئابدۇللا نۆۋەتتە داۋاملىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى گۇماندارنىڭ بىرى

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇچتۇرپاننىڭ ئاقتوقاي يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتى باشلىقى نۇرمەمەت روزى، تەراۋىھ نامىزىغا كىرىپ چىقىۋاتقانلارغا پايلاقچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئۆلتۈرۈلگەن. ئاقتوقاي يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ خادىمى داۋ شۈنيىڭنىڭ مۇخىرىمىزغا ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە ئۆتكەن ئاينىڭ 18-كۈنى 7-كەنت مەسچىتىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن. بايان قىلىنىشىچە، شۇ كۈنى ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ پايلاقچىلىق قىلىۋاتقان نۇرمەمەت روزى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچراپ بوغۇزلاپ تاشلانغان، ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسى مەسچىتنىڭ ئارقا ۋە يان تەرىپىدە پايلاقچىلىق قىلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇنى قۇتقۇزۇشقا ياكى ھۇجۇمچىلارنى تۇتۇشقا ئۈلگۈرمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ج خ ئورگانلىرى، ھۇجۇمنى ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا ئىماملىرىمدا 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنىنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ يۈرگەن گۇماندارلاردىن سۇلايمان توختى بىلەن ئابدۇللاھ ئابدۇرېھىمنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ج خ ئورگانلىرى يەنە بۇ ئىككى گۇماندارنىڭ قورال بۇلاش مەقسىتىدە نۇرمەمەت روزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقان.

بىز رادىئومىزغا كەلگەن بىر يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئالدى بىلەن ئاقتوقاي يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلدۇق.
مۇخبىر: بۇ ئاقتوقاي يېزىلىق ھۆكۈمەتمۇ؟
خادىم: شۇنداق.
ئۆز ئىسمىنىڭ داۋ شۈنيىڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ خادىم، دەسلەپتە ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئارقىدىن ۋەقەنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى، نۇرمەمەت روزىنىڭ ئەدلىيە پونكىتىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ 7-كەنت مەسچىتىنىڭ ئالدىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يەنە بۇ خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقە 7-ئاينىڭ 18 كۈنى كېچە سائەت 9 ۋە 10 ئارىسىدا يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەنى سادىر قىلغان گۇماندارلار تېخىچە تۇتۇلمىغان. بىز ئارقىدىن بۇ خادىم تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ۋەقە يۈز بەرگەن 7-كەنت سېكرېتارى ئەكبەر جۇماقنى زىيارەت قىلدۇق:

سوئال: سىز 7-كەنت سېكرېتارى ئەكبەر جۇماقمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق.

سوئال: نۇرمەمەت روزىنىڭ قاچان، قەيەردە قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟
جاۋاب: شۇ كۈنى ناھىيە بويىچە يىغىن ئېچىپ ۋەقەنى ھەممىمىزگە ئۇقتۇردى، ھەم ناھىيە بويىچە سەپەرۋەر بولۇپ، ئاختۇرۇش ئېلىپ باردۇق.

سوئال: قەيەردە قانداق ئۆلتۈرۈلۈپتۇ؟
جاۋاب“ 7‏-كەنت مەسچىتىنىڭ ئالدىدا تەراۋىھ مەزگىلىدە، كىرىپ چىقىۋاتقانلارنى نازارەت قىلىپ ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان ئىكەن، ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچراپتۇ، قارشىلىق كۆرسەتكەن ئالامەتلەرمۇ يوق ئىكەن، بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ.

سوئال: نۇرمەمەمەت روزى ئۆزى يالغۇزمىكەن؟
جاۋاب: بىللە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلاردىن بىرى مەسچىتنىڭ ئارقىسىدا، يەنە بىرى ياندا تۇرغان ئىكەن، بىر يەردە تۇرۇۋېلىشقا بولمايدىغان بولغاچقا.

سوئال: نۇرمەمەت روزىنىڭ خىزمەت داۋامىدا باشقىلارنى قاقشاتقان بىر ئىشى بارمىكەن؟
جاۋاب: ئەدلىيە پونكىتىدا دەرد ئاڭلايدىغان ئىش بار، ئاجرىشىش ۋە مىراس ئىشلىرى دېگەندەك، ئادەم قاقشىتىدىغان ئىش يوق. ئۇ ساقچى ئاپتوموبىلى بىلەن كەلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭدا قورال بار دەپ قاراپ، قورالنى بۇلاش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلغان دېگەن پەرەز بار.

سوئال: نۇرمەمەت روزىنىڭ يېنىدا قورال بارمىكەن؟
جاۋاب: ئۇنىڭدا قورال يوق ئىكەن. گۇماندارلار ئىماملىرىمدا ۋەقە چىقىرىپ قېچىپ يۈرگەنلەردىن ئابدۇللاھ ئابدۇرېھىم بىلەن سۇلايمان توختى ئىككىسى دەپ گۇمان قىلىنىۋاتىدۇ ۋە قاتتىق ئىزدىلىۋاتىدۇ، ھازىرغىچە تۇتۇلمىدى.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا يۈز بەرگەن 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرىدىن سۇلايمان توختى بىلەن ئابدۇرېھىم ئابدۇللاھنىڭ تېخى تۇتۇلمىغانلىقى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghur-sekritar-08072014170252.html

Share
2453 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.