logo

trugen jacn

ئۇچتۇرپاننىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن ئىماملىرىم يېزىسىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىگە بولغان ئەۋزەللىكلەر

 

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

شۆھرەت ھوشۇر

9-ئىيۇل كۈنى ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا يۈز بەرگەن 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەزكۇر يېزىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ شەرت-شارائىت پەرقلىرى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىماملىرىمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىلىكىدىكى تېرىلغۇ يەرگە بازارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆزلىرى خالىغان زىرائەتنى تېرىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئەمما ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن زىرائەتنىلا تېرىشى شەرت. ئۇيغۇر دېھقانلىرى يىلدا ئاز دېگەندە 60 كۈن ھاشارغا ئىشلەشكە مەجبۇر؛ ئەمما خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مۇنداق بىر مەجبۇرىيىتى يوق. كەنت نوپۇسىنىڭ 3% ئىنى ئىگىلەيدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى كەنت تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ئاز كەم يېرىمىغا ساھىب، بۇنىڭ ئۈستىگە سۇغۇرۇش نۆۋىتى ئالدى بىلەن شۇلارغا مەنسۇپ؛ ئۇيغۇر دېھقانلىرى چەكلىك يەرلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىدىن ئاشقان سۇ بىلەن سۇغۇرۇشتىن باشقىغا چارىسىز.

ھەر ئىككىسى خىتاي پۇقراسى دەپ تونۇلغان، ھەر ئىككىسى دېھقان دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسى ئارىسىدا يىللاردىن بېرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى توختىماي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن خىتاي دېھقانلىرى ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا قانداق پەرقلىق ئىمكانلارغا ئىگە؟

ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دېھقاننىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇچتۇرپاندا يەر تېرىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى، ماھىيەتتە دېھقان ئەمەس؛ ئۇلار خوجايىن، ئۇلار پۇلدار، ئۇلار ھوقۇقدار. چۈنكى ئۇلار خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان مىقداردا بانكىدىن پۇل ئالالايدۇ، خالىغان ۋاقتىدا ساقچىلارنى چاقىرتىپ ئەكېلىپ ئۆزلىرى بىلەن جېدەللەشكەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇزۇۋېتەلەيدۇ. يەنە بۇ دېھقاننىڭ ھەجۋىي شەكىلدە بايان قىلىشىچە، ئۇچتۇرپاندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا ئىناق جەمئىيەت بەرپا بولۇش ئۈچۈن، بارلىق ئۇيغۇرلار كۆزى كۆرمەيدىغان، قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان، ياكى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ئۈستىدىن تەپەككۇر قىلالمايدىغان بولۇشى كېرەك.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ شۇ يېزا خادىملىرى ۋە دېھقانلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-dehqan-07222014161215.html

Share
1944 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.