logo

trugen jacn

ئۇچتۇرپاندا قېچىپ يۈرگەن ئىككى نەپەر پىدائىي تېخىچە تۇتۇلمىغان، ئاختۇرۇش داۋام قىلماقت

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدا 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگىنىگە بۈگۈن نەق ئىككى ئاي بولدى. ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان 7 نەپەر پىدائىيدىن ئىككى نەپىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 3 نەپىرى ئەسىرگە چۈشكەن ۋە ئىككى نەپىرى قېچىپ يۈرۈۋاتقان ئىدى

قېچىپ يۈرۈۋاتقان پىدائىيلاردىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن سۇلايمان توختى قېچىپ يۈرۈش جەريانىدا يەنە ئاقتوقاي ۋە ياكۆۋرۈك يېزىلىرىدا 3 نەپەر خىتاي كۆچمەننى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇچتۇرپاندا ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ يېزا-يېزىلاردا ئاختۇرۇش، چارلاش داۋام قىلىۋاتقان ئىدى

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قېتىملىق چارلاشقا ھەتتا 60 مىڭ كىشى قاتناشتۇرۇلغان. مۇخبىرىمىز بۈگۈن ئۇچتۇرپانغا تېلېفون قىلىپ، قېچىپ يۈرۈۋاتقان ئىككى نەپەر پىدائىينىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.

چارلاشتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر مەھەللە باشلىقىنىڭ پاش قىلىشىچە، ئىككى نەپەر پىدائىي تا بۈگۈنگىچە، يەنى 9 ‏-ئاينىڭ 8 ‏-كۈنىگىچە تۇتۇلمىغان، ھاۋادىن ئايروپىلان بىلەن چارلاشمۇ كارغا كەلمىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uchturpan-pidaiy-09082014160659.html

Share
1744 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.