logo

trugen jacn

ئۇيۇشۇش- مەڭگۈلۈك چاقىرىق

 

 

مەشئەل گۇرۇپپىسى

2018-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى

 

بىر ئىشنى ئويلىيالىغان ۋە ئۇنى قىلالىغان ئادەم مەقسەتكە يېتەلەيدىغان ئەركىن ئادەم بولىدۇ. بىر ئىشنى ئويلىيالىغان لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىغان ئادەم مەقسىدىگە يېتەلمەيدىغان ئۈمۈتسىز ئادەم بولىدۇ. بىزدە ھەممە ئادەم ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆملۈكنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ ئەمما بەزى ئادەملەر دېگىنىگە ئەمەل قىلمايدۇ ياكى ئۆز قىلمىشىنى بىلمەيدۇ. بىزدەك ئىتتىپاقلىققا ۋە ئۆملۈككە شۇ قەدەر مۇھتاج بىر خەلقنىڭ بۇ قەدەر كۆپ ئىختىلاپ قىلىشىمىز ئەقىلگە سىغمايدۇ. بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن پاجىئە ۋە بالا-قازا شۇ قەدەر چوڭ ئىكەنكى، ئۇنى ھەقىقى بىلگىنىمىزدە ھەممىنى تاشلاپ خىتايغا قارشى بىرلىشەتتۇق. ۋەتەندە تۈرمىگە ئازاب چېكىۋاتقانلارنىڭ ئازابلىرىنى تەسسەۋۋۇر قىلىمىز، ئەمما بىلمەيمىز. لاگىرلاردىكى خورلۇقلارنى ئاڭلىدۇق، كۆرمىدۇق. شۇڭا ھەرزامان نېمە قىلىشنى بىلەلمىگەندە دۈشمەن بىر يەردە قېلىپ بىر بىرىمىزنى تالاۋاتىمىز. 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە خىتاي دېموكراتلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆي بېسىپ تۇتىۋاتقان بىر سىنئالغۇ خاتىرىسىنى كۆرۈپ  ھەممىمىزنىڭ دېمى ئىچىمىزگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.بىز ئۇ ئىشلارنى ئويلىغان، ئاڭلىغان، تەسسەۋۋۇر قىلغان ئەمما كۆرمىگەن. كۆرگەن ئەنە شۇنداق يامان بولىدىكەن، كۆرۈپ قايتا ئويغانغاندەك بولغان ئىدۇق. شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەتەندە ھازىر بولىۋاتقان زۇلۇملارنى بىز بەك چەكلىك دائىرىدىلا بىلىمىز، ھەقىقى ئەھۋالنىڭ قانچىلىك ئېچىنىشلىق ۋە ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. خىتاي ۋەتىنىمىزدىكى  تۈرمىلەردە ۋە يېپىق لاگىرلاردا بولىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىنى 100% كوترول قىلىپ بولدى. بىز ۋەتەندىكى زۇلۇمنى ھېس قىلالايمىز لېكىن كۆرەلمەيمىز. بىر بىرىمىز بىلەن ئەرزىمەس ئىشلار ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، بىر باشچى يەنە بىر يېتەكچىنى ھاقارەتلەۋاتقان چاغدا،  بىر گۇرۇھ يەنە بىر تەشكىلاتنى ئەيىپلەۋاتقان پەيتتە ۋەتەندە نەچچە يۈزلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۈرەك ۋە بۆرەكلىرى سۇغۇرۇۋېلىنغان بولىدۇ، نەچچە مىڭ قېرىندىشىمىز يېڭىدىن تۇتۇلغان بولىدۇ، نۇرغۇن قىز -ئاياللىرىمىز دەپسەندە قىلىنغان بولىدۇ.

 

 

ۋەتەندىكىلەرنىڭ بىزدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ ۋەتەندىكىلەرنىڭ ئەركىن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىدىن ئەڭ كۈتىدىغان ئىشى بارلىق ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىشنى قايرىپ قويۇپ خىتايغا قارشى بىرلىشىش ۋە ۋەتەندىكىلەرنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئورتاق نىشانى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتۇر. بىزنىڭ مىللىتىمىز بىر، تىلىمىز بىر، ۋەتىنىمىز بىر، دىنىمىز بىر، بايرىقىمىز بىر، دۈشمىنىمىز بىر، يەنە نېمە ئۈچۈن پېتىشمايمىز. بىزنى بىرلەشتۈرۈشكە سەۋەب بولىۋاتقان ئىشلار بىزنى ئىختىلاپ قىلىشقا سەۋەب بولىۋاتقان ئامىللاردىن تولىمۇ بۈيۈك ۋە يۈكسەك ئىشلاردۇر. تارىخنى بىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى بىر خاتالىقنى يەنە سادىر قىلماسلىق ئۈچۈندۇر.

 

 

گەرچە بىزنىڭ بەزى جەھەتلەردىن پەرقلىرىمىز بولسىمۇ بىز يەنىلا بىر مىللەت،بىز ئۇيغۇرلار. بىز دۈشمەن ئەمەس قېرىنداش.بىزنىڭ بىر بىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتىمىز بولۇپلا قالماستىن بەلكى بىر بىرىمىزگە ئەپۇچان بولۇش ۋە ئۆز-ئارا ئەپۇ قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھەققىمىزمۇ بار.

 

ئۇيغۇرلاردىن ئۆز دۆلىتىنى ئازاد قىلىش ئىرادىسى بولغانلار شۇ مەقسەتكە يېتىدۇ. بىز چوقۇم ئۆز تۇپرىقىمىزدا ئەركىن ياشاپ، ئۆز ئۆيىمىزدە خاتىرجەم كۆز يۇمىمىز. بۇنىڭسىز ھاياتىمىزنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. بىز ئەركىنلىككە ئېرىشىشىمىز بىلەن دۇنيا تېخىمۇ ئازاد بولىدۇ، دۇنياغا تېخىمۇ گۈزەل نەرسىلەر قوشۇلىدۇ. بىزنىڭ بۈيۈك غەلىبىمىز بىلەن دۇنيا تېخىمۇ سەلتەنەتلىك بولىدۇ. بىزنىڭ ئۆز مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن ھەر بىر تىرىشچانلىقىمىز دۇنياغا ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىشلار سۈپىتىدە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقىغا ئايلىنىدۇ.

 

خىتاي بىزنى ۋەتىنىمىز تۇپراقلىرىدىن مەڭگۈ يوقۇتۇش ھەرىكەتلىرىنى ئاللاقاچان باشلاپ بولدى. كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى پارچىلاپ بىر بىرىگە دۈشمەن قىلىش ئىشپىلانلىرى باشلىنىپ بولدى. خىتاي بىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نۇقتىمىز بولغان ئىتتىپاقلىقىمىزغا ئەڭ ئاجىز بولغان ھالقىمىز ئەقىلسىزلىك ۋە مەنمەنلىكىمىزدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەقىل ئىشلەتمەي، ئويلانماي بىردەملىك ھېسىياتى ۋە مەنمەنلىكىنى يېڭەلمىگەن شەخسى غورۇرى بىلەن ئىش قىلىدىغانلار ئۆزلىرىمۇ بىلمەي خىتايغا ياردەمچى بولۇپ قالىدۇ. ئىجتىمائى ئالاقە قوراللىرى كەڭ ئومۇملاشقان ، دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئاسانلا ئۇيۇشالايدىغان قولايلىق شارائىتلاردا خىتاينىڭ بۇزغۇنچىلىقى ۋە ئادەملىرىمىزدىكى ئىللەتلەر بىزگە ئىچكى ئۇرۇش ۋە ئاداۋەتلەرنىڭ يېڭى شەكىللىرىنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇلار ئارقىلىق قالايمىقانچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلگەن ھەر بىر ئادەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىجتىمائى تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇرۇشقا سالالايدىغانلىقىنى بىلىشى ۋە ھۇشيار بولۇشى كېرەك. بىر بىرىمىزنى ساتقىنغا، خائىنغا چىقىرىش بىر بولسا ئەقىلسىز كىشىلەرنىڭ، يەنە بىر بولسا ئەقىدە-ئىمانسىز كىشىلەرنىڭ ئىشى. ئەقلىمىز ۋە  ئىمانىمىز بىزنى بىر ئىشقا ھۆكۈم چىقىرىشتا ئوبدان ئېنىقلاپ بېقىشقا بۇيرۇيدۇ.

 

بىزنىڭ بىر بىرىمىزگە ئىشەنمەسلىكتىن تارتىدىغان زىيانلىرىمىز بىر بىرىمىزگە ئىشەنگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان ئېھتىمالەن زىيانلاردىن ھەسسىلەپ چوڭ بولىدۇ. مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنىڭ كاپالىتى بىزنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىمىزنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلىكىگە باغلىق.

 

دۇنيادا بىزگە ئوخشاش بۈيۈك ئەجدادلىرى ۋە شانلىق تارىخى بولغان مىللەتلەر كۆپ ئەمەس. بىز شەرقى تۈركىستاندىن، تارىم ۋە ئالتاي تۇپراقلىرىدىن كۆكلىدۇق. تارىختا دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقالدۇق. بۈگۈن ھالا شۇ تۇپراقلاردا ياشىماقتىمىز. ئۆزىمىزنىڭ شۇ شانلىق تارىخىمىزنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىمىزنى، بۇ بۈيۈك مىللەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىمىزنى ، بۈگۈنكى بۇ ئۇلۇغ تارىخى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەنگەن چېغىمىزدا دۇنيادا بىزگە قارشى تۇرالايدىغان ھېچبىر كۈچ بولمايدۇ. بىز ئادالەتپەرۋەر ۋە جەسۇر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەرقانداق يەردىكى ، ھەرقانداق زۇلۇمغا قارشى سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئادالەت تەرەپتە تۇرىمىز. تەرەپسىزلىك پەقەت زالىملارغا ياردەم بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ ئېزىلگۈچىلەرگە ئەمەس.

 

 

بىز باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئىختىلاپلار ۋە ئىتتىپاقسىزلىقلارنى بىزنىڭ ھالىتىمىزدىكى باشقا مىللەتلەرمۇ باشتىن كەچۈرگەن. ئۆز خەلقىنىڭ چېچىلاڭغۇلۇقى ۋە نادانلىقىدىن باشقىلارمۇ زارلانغان، ئازاپلانغان. گېرمانلارنىڭ بۈيۈك پەيلاسوپى گيوتې “ گېرمان خەلقىگە قارىسام كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ. شەخس سۈپىتىدە قارىسام خېلى ئېسىل كۆرۈنىدىغان ئادەملەر بار، ئەمما مىللەت سۈپىتىدە تولىمۇ بىچارە. گېرمانلارنى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغان چېغىمدا ھەر كۈنى دېگۈدەك مېنى قىينايدىغان ئازابلارنى ھېس قىلىمەن.” دېگەن.

 

ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسچىسى ۋە دۆلەت ئاتىسى تېئودۇر ھېرزل يەھۇدىلارنىڭ قالاقلىقى ۋە چېچىلاڭغۇلۇقى ھەققىدە توختالغاندا “ بىز يەھۇدىلار قالاقلىقتىلا، يولنىڭ ئەڭ ئارقىسىدا قالدۇقلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپادىكى ئىنسانلارنىڭ قېنىنىمۇ بۇلغىۋەتتۇق. يەھۇدىلار بارلىق ئىرقلارنىڭ داشقاللىرىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن كەلگەن. “ دېگەن.

 

بۈگۈنكى كۈندە گېرمان ۋە يەھۇدىلارنىڭ قانداق كۈچلۈك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. باشقا مىللەتلەر ھەل قىلالىغان مەسىلىلەرنى بىزمۇ ھەل قىلالايمىز. بارلىق كۈچ- قۇۋۋەت، ئەقىل -پاراسەت، ۋە بايلىق ئۆز ھۇجۇدىمىزدا. شەرقى تۈركىستاندا بايلىق ئىنتايىن كۆپ، ئەمما ئەڭ زور بايلىق ۋەتىنىمىزنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئادەملىرىمىز، ئۇيغۇرلاردۇر.

 

 

مەشئەل گۇرۇپپىسى تەييارلىغان 11 پارچە مۇراجىئەتنامىگە ئ‍ىمزا قويۇپ بېرىڭ:

https://www.change.org/search?q=Torchlight%20Uyghur%20Group

ئىمزا قويۇش ئۇسۇلى:

http://www.freedomsherald.org/ET/cmp/Imza-qoyush.mp4

رەھمەت!

 

 

Share
1416 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.